باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە تولۇقلىما بېرىلىدۇ

2015.04.07 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ شىنيۈنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون بۇ يىل تەربىيەلەش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە تولۇقلىما بېرىدىكەن، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش پىلانى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئىجرا قىلىنىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش 2015 – يىللىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش پىلانى؛ تېخنىك – ئىشچىلار مەكتىپى، كارخانىلاردىكى يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىلىرىدا تەربىيەلەش پىلانى؛ كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش پىلانى دەپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش پىلانىغا ئاساسەن 5212 ئالىي دەرىجىلىك ئىشچى، 238 تېخنىك ئىشچى، 93 ئالىي دەرىجىلىك تېخنىك تەربىيەلىنىدۇ؛ تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى، كارخانىلاردىكى يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسىدا تەربىيەلەش پىلانىغا ئاساسەن 4538 ئالىي دەرىجىلىك ئىشچى، 972 تېخنىك ئىشچى، 439 ئالىي دەرىجىلىك تېخنىك تەربىيەلىنىدۇ؛ كارخانىلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش تەربىيەلەش پىلانىغا ئاساسەن، 2000 ئىشچى – خىزمەتچى تەربىيەلىنىپ ماھارىتى ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇنىڭدا ئاساسلىقى توكچى، كەپشەرچى، سىلېسار، ئاپتوموبىل رېمۇنتچىسى، بىيولوگىيەلىك ئېچىتقۇ ئىشچىسى، ئاشپەز، توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى شوپۇرى، كۈرەكلىك ئېلېۋاتور شوپۇرى، توقۇمىچىلىق ئىشچىسى، ئۇن تارتىش ئىشچىسى، توك تەقسىملەش لىنىيەسى ئىشچىسى، سۈت دېزىنفېكسىيەلىگۈچى، نېفىتنى ئۆلچەپ سىناش ئىشچىسى، بۇرغىلاش ئىشچىسى، ئۆلچەش ئەسۋابلىرى ئىشچىسى، نېفىت قازغۇچى، نېفىت يىغىش – توشىغۇچى، قۇدۇق ئاستىدا مەشغۇلات قىلغۇچى، قاش تېشى ئويمىچىسى، كىيىم – كېچەك لايىھەلىگۈچى، كىيىم تىككۈچى قاتارلىقلار تەربىيەلىنىدۇ ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش تولۇقلىمىسىنى ئاپتونوم رايون ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىلىرىگە چۈشۈرۈپ بېرىدىكەن، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىلىرى ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ 2015 – يىللىق يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى››غا ئاساسەن، شۇ جاينىڭ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى ئۈستىگە ئالغان مەكتەپ ۋە كارخانىلارغا تولۇقلىما بېرىدىكەن. بۇ تۈرگە بېرىلىدىغان تولۇقلىمىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تولۇقلىما ئۆلچىمى بويىچە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىگەن ئورۇنلارغا چۈشۈرۈپ بېرىدىكەن.

  يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپى قاتارلىق تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنى ۋە ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ مۇشۇ تۈردىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى قوللاشقا، ئاساسلىقى، تېخنىكا ماھارەت تەركىبى يۇقىرى، مەشغۇلات تېخنىكا تەلىپى يۇقىرى كەسىپ(ئىش تۈرلىرى)نى قوللاپ، كارخانىلارنىڭ 1 – سېپىدە مەشغۇلات قىلىدىغان ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك تېخنىكلارنى تەربىيەلەشكە ئىشلىتىلىدۇ. تەربىيەلىنىدىغان كەسىپ تۈرىدىكى ئالاھىدە مەشغۇلات ھېسابلىنىدىغان ماشىنسازلىق ئاپتوموللىرىدىن باشقا، ئادەتتىكى ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى بېرىلىدىغان كەسىپ دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ، لابورانت، خىمىيەلىك ئانالىز قىلىش، ھۆسن تۈزەش، چاچ ياساش، كاسسىرلىق، رېستوران مۇلازىمىتى قاتارلىق ئىش تۈرلىرى بويىچە تەربىيەلەش بۇ قېتىمقى تولۇقلىما بېرىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر