باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئالتە ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس كەسپىدىن 18 نى يېڭىدىن كۆپەيتىدۇ

2015.04.02 17:17         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئاپتونوم رايوننىڭ 2014-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىدىغان كەسىپلىرىنى 30-مارت ئېلان قىلدى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 6 ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس كەسىپىدىن 18 نى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلايدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەھرىرلىك ۋە نەشرىيات ئىلمى، ئارخېئولوگىيە، كىيىم لايىھەلەش ۋە ھۈنەر-سەنئەت مائارىپى؛ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈزۈم ۋە ئۈزۈم ھارىقى قۇرۇلۇشى، ئۇرۇقچىلىق ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى؛ قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى خەلقئارالىق ئىقتىساد ۋە سودا، جەمئىيەت خىزمىتى، يېمەكلىك ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى، مالىيە باشقۇرۇش؛ ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئەشيالار ئالاقە تورى قۇرۇلۇشى، رەسساملىق؛ شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى ئېنېرگىيە مەنبەسى ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى، ئالاقە قۇرۇلۇشى، ئەشيالار ئالاقە تورى، گېئولوگىيە قۇرۇلۇشى؛ شىنجاڭ ساقچى ئىنستىتۇتى زەھەر چەكلەش ئىلمى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى، تور بىخەتەرلىكى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش قاتارلىق كەسپىلەرنى يېڭىدىن كۆپەيتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر