باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى 4 مىليون 665 مىڭ مو ئازايتتى

2015.04.02 17:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يازغى بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمىنى 1 مىليون مو كۆپەيتتى

  مۇخبىرىمىز دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، دېھقانلار كىرىمىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى 4 مىليون 665 مىڭ مو ئازايتىش بىلەن بىللە، كېۋەزدىن قايتۇرۇلغان يەرنىڭ 1 مىليون موسىغا يازغى بۇغداي تېرىشنى پىلانلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە نازارىتى قاتارلىق ئالتە تارماق يېقىندا «شىنجاڭنىڭ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئازايتىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل، ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، كېۋەز تېرىيدىغان 13 ۋىلايەت، ئوبلاستقا كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئازايتىشنىڭ يېتەكچى پىلانىنى چۈشۈرۈپ، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى بۇلتۇرقى 29 مىليون 670 مىڭ مودىن 25 مىليون موغا كېمەيتىپ، 4 مىليون 665 مىڭ مو ئازايتتى، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ كېمىيىش نىسبىتى %15.72گە يەتتى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى يەنە «يازغى بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمىنى كۆپەيتىش توغرىسىدىكى جىددىي ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، پاختىنىڭ بۇ يىلقى نىشانلىق باھاسى، كېۋەز تېرىش ئۈنۈمى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن تۆۋەن بولۇشتەك ئەھۋالغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايون(يەرلىك)نىڭ ئەسلىدىكى 4 مىليون 150 مىڭ مو يازغى بۇغداي تېرىش پىلانى ئاساسىدا، يازغى بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمىنى يەنە 1 مىليون مو كۆپەيتىشنى قارار قىلدى.

  بۇ قېتىم كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئازايتىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پاختىنىڭ نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، پاختىكارلارنى كېۋەز تېرىشقا باپ كەلمەيدىغان جايلار، كېۋەز تېرىشتا خەتىرى بار جايلار ۋە تۆۋەن ھوسۇللۇق كېۋەزلىكلەردىن تەدرىجىي چېكىنىشكە ئىلمىي يېتەكلەش، شۇنداقلا كېۋەز تېرىش كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىش ئۈچۈن قوللانغان مۇھىم تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچلىق نازارىتى تېرىقچىلىق باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇڭ يەنلۇڭ مۇنداق دېدى: يېتەكچى پىلاننىڭ چۈشۈرۈلۈشى قۇرۇلما تەڭشەشنىڭ روشەن سېگنالىدۇر. كېۋەز تېرىلغۇ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىلقى يېزا ئىگىلىك خىزمىتىدىكى مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىدۇر.

  جۇڭ يەنلۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كېۋەزدىن قايتۇرۇلغان يەرلەرگە تېرىلىدىغان يازغى بۇغدايغا بېرىلىدىغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ئۇنىۋېرسال تولۇقلىمىسى، سورتلۇق ئۇرۇقلۇق تولۇقلىمىسى ئۆلچىمى ئەسلىي پىلاندىكى ئۆلچەم بىلەن ئوخشاش بولۇپ، تولۇقلىما ئۆلچىمى ئازايتىلمايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش تەدبىرى يولغا قويۇلمىغان كېۋەزدىن قايتۇرۇلغان يەرلەرگە تېرىلغان يازغى بۇغدايلارغىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر