باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2015 - يىللىق قىشلىق ھاۋاكىلىماتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزغا تەسىر كۆرسىتىش ئەھۋالى ئېلان قىلىندى

2015.04.02 17:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز خالىدە ئوبۇلنىڭ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ئۆتكۈزگەن قىشلىق ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى باھالاش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، بۇلتۇر 12 - ئايدىن بۇ يىل 2 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تېمپېراتۇرا يىللاردىكىدىن بىر قەدەر يۇقىرى بولغان؛ شىمالىي شىنجاڭدا ھۆل - يېغىن مىقدارى بىر قەدەر ئاز، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە تەڭرىتاغ تاغلىق رايونلىرىدا ھۆل - يېغىن مىقدارى يىللاردىكى بىلەن ئوخشاش بولغان؛ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قارنىڭ يىغىندى مىقدارى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن قېلىن بولغان؛ قار - شىۋىرغانلىق، بورانلىق، تۇمانلىق ھاۋا رايى ھادىسىلىرى يۈز بېرىپ، ئاھالىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە قاتناش ئىشلىرىغا ئاز - تولا زىيان يەتكۈزگەن.

  بۇلتۇر 12 - ئايدىن بۇ يىل 2 - ئايغىچە شىمالىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن 1.5 سېلسىيە گىرادۇس يۇقىرى بولغان، سانجى ئوبلاستىدا تېمپېراتۇرا ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن 1..2 سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەن بولغاندىن سىرت، قالغان كۆپ قىسىم جايلاردا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا 0.5 سېلسىيە گىرادۇستىن 2.8 سېلسىيە گىرادۇسقىچە يۇقىرى بولغان، تەڭرىتاغنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن 0.7 سېلسىيە گىرادۇس يۇقىرى بولغان، جەنۇبىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن 0.5 سېلسىيە گىرادۇس يۇقىرى بولغان، شىمالىي شىنجاڭدا پەسىللىك ھۆل - يېغىن مىقدارى 35.1 مىللىمېتىر بولۇپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن %10 كېمەيگەن. تەڭرىتاغنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ھۆل - يېغىن مىقدارى 0.22 مىللىمېتىر بولۇپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكى بىلەن ئوخشاش بولغان، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پەسىللىك ھۆل - يېغىن مىقدارى 5.4 مىللىمېتىر بولۇپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمىگەن.

  ئاپتونوم رايونىمىزدا ياغقان قارنىڭ يىغىندى مىقدارى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆپ بولغان، شىمالىي شىنجاڭدا بۇرۇلتوقاي، چىڭگىل، ئالاتاۋ پورتى، قاراماي، جىڭ، چاپچال، غۇلجا، كۈنەس قاتارلىق جايلاردا يىغىندى قار ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بىر سانتىمېتىردىن 11 سانتمېتىرغىچە نېپىز، قورغاس، جىمىسارلاردا ئىلگىرىكى يىللاردىكى بىلەن ئوخشاش بولغان، قالغان جايلاردا ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بىر سانتىمېتىردىن 30 سانتىمېتىرغىچە قېلىن بولغان. توقسۇن، تۇرپان، پىچان، لوپنۇر، تاشقورغان، خوتەن، نىيە، چەرچەن، كېرىيە قاتارلىق جايلاردا ئاساسىي جەھەتتىن قار ياغمىغان، خوشۇت، ئۇچتۇرپان، ئاقسۇ، ئونسۇ، باي، شايار، كۇچا، كورلا، پەيزاۋات، ئاقچى، ئاۋات، ئارال، چاقىلىق، يەكەن، يوپۇغا، مەكىت، قاراقاش قاتارلىق جايلاردا ياغقان قار ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بىر سانتىمېتىردىن سەككىز سانتىمېتىرغىچە قېلىن بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر