باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا بىر قانچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىدۇ

2015.04.02 17:14         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 27-مارت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ئۈرۈمچىنى چۆرىدىگەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ شەرقىي لىنىيەسى، G7 مىڭشۈي-قومۇل لىنىيەسى، G3012 قارىقاش-خوتەن لىنىيەسى قاتارلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللارنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدىكەن. ماي ئايلىرىدىن باشلاپ قۇرۇلۇشقا قاتنىشىدىغان ھەر قايسى تەرەپلەر قۇرۇلۇش قىلىشقا ماس كېلىدىغان ياخشى پۈرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر تۈردىكى قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى ئۇنىۋېرسال پىلانلاش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جېڭ مىڭچۇەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2015-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا قۇرۇلۇش داۋاملاشتۇرۇلىدىغان تۈر جەمئىي 33 بولۇپ، 12 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ. تۈر تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر پۇختا ئىشلىنىۋاتىدۇ، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ 2014-يىلىدىن 2016-يىلغىچە بولغان دومىلىما تۈر ئامبىرى قۇرۇلۇپ بولدى، تۈر ئامبىرىدىكى مۆلچەر سوممىسى 165 مىليارد 500 مىليون يۈەنلىك تۈرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر