( ماتېرىيال سۈرەت )
دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى 26-مارت چۈشتىن كېيىن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بېنزىن ۋە دېزىل مېيىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ ئايرىم ھالدا 240 يۈەن ۋە 230 يۈەنگە تەڭشەلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئۇقتۇرۇشتا 90-نومۇرلۇق بېنزىن ۋە 0-نومۇرلۇق دېزىل مېيىنىڭ ھەر لېتىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسىنىڭ (مەملىكەت بويىچە) ئايرىم-ئايرىم ھالدا 0.18 يۈەن ۋە 0.2 يۈەنگە چۈشكەن. تەڭشەلگەن ماي باھاسى 26-مارت كەچ سائەت 24:00 تىن باشلاپ ئىجىرا قىلىنىدىغان بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھەر لېتىر بېنزىننىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى «بەش يۈەنلىك» ۋەزىيەتكە قايتقان.
ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسىنى چۈشۈرۈش كۆزنىكىنىڭ قايتا ئېچىلىشى ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باھا مېخانىزمىنىڭ يولغا قويۇلغىنىغا نەق ئىككى يىل بولغان كۈنگە توغرا كەلگەن. بۇ مەزگىلدە دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاس 37 قېتىم تەڭشەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 13 قېتىم ئۆرلەپ ۋە 24 قېتىم چۈشكەن.