باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2015.03.24 13:15         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن شىۋېن ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى چۈشەندۈردى گوۋۇيۈەن يېقىندا ‹‹ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر››نى يولغا قويۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتىكى ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش، ئىستېمال قىلىش قاتارلىق ھالقىلاردىن يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. ‹‹پىكىر››نىڭ يولغا قويۇلۇشى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولۇشتىن ئىبارەت ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتە قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟ ‹‹پىكىر›› قانداق مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؟ ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟ خەلق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەركەز يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىشخانا مۇدىرى چېن شىۋېننى زىيارەت قىلدى. يېڭى ۋەزىيەتتە دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر چېن شىۋېن مۇنداق دېدى: خەلق ئۈچۈن يېمەكلىك ھەممىدىن مۇھىم. ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئاساس. 1 مىليارد 300 مىليون ئاھالىنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئەزەلدىن بۇ مەسىلىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، بولۇپمۇ 2004 – يىلى دۆلىتىمىز ئاشلىق سېتىۋېلىش، سېتىش بازىرىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋەتكەندىن بۇيان، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا ھوسۇلنى ئۇدا 11 يىل ئاشۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا پۇختا ئاساس سالدى. جايلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش ۋە زاپاس ساقلاش جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئاكتىپ ئادا قىلدى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى ئومۇمىي ئەھۋال خېلى ياخشى بولدى. لېكىن، بىز شۇنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ھازىرقى ۋەزىيەتتە، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئومۇمىيلىقتا تەۋرىنىشكە بولمايدۇ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ ھالقىنى ھەرگىز بوشاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا ئاسانلا زور سىيرىلىپ چۈشۈش كۆرۈلىدۇ. بىرىنچىدىن، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك بايلىقىدا تەبىئىي يېتەرسىزلىك بار بولۇپ، ئوتتۇرىچە تېرىلغۇ يەر ۋە تاتلىق سۇ بايلىقى دۇنيا بويىچە ئوتتۇرىچە سەۋىيەنىڭ ئاران ئۈچتىن بىر قىسمى ۋە تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا ھوسۇلنى ئۇدا 11 يىل ئاشۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىشنى ئىزچىل مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئاشۇرۇشتا دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلار تېخىمۇ كۆپ، خىرىس تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، دۆلىتىمىزدە ئاھالە كۆپ، ئاھالىنىڭ كۆپىيىشى، ئىستېمال قۇرۇلمىسىدا دەرىجىنىڭ ئۆسۈشى ۋە يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئاشلىق ئىستېمالى داۋاملىق مۇقىم ئاشىدۇ، ‹‹تەڭپۇڭلۇق جىددىي بولۇش›› دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق تەمىناتى ۋە ئېھتىياجى ئۇزاق مۇددەتلىك بولىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، ئاشلىق ھوسۇلى ئۇدا 11 يىل ئاشۇرۇلغان ۋە ھازىرقى قىسمەن ئاشلىق تۈرلىرىنىڭ تەمىناتى ۋە ئېھتىياجى نىسبەتەن بوش بولۇۋاتقان شارائىتتا، بەزى جايلاردا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇش، ئاشلىق ئوبوروتىغا سەل قاراش، مەركەزگە ھەددىدىن زىيادە يۆلىنىۋېلىشتەك ئەھۋاللار ساقلاندى، ئۇلارنىڭ دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. چېن شىۋېن مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، ئاشلىق خىزمىتىگە بىر قاتار يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭ تاماق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش باشتىن – ئاخىر دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى قايتا – قايتا تەكىتلەپ، ‹‹ھەممىدىن تاماق مەسىلىسى مۇھىم››، ‹‹جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسى ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ قولىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك››، ‹‹تاماق قاچىمىزدا يەنىلا جۇڭگونىڭ ئاشلىقى بولۇشى كېرەك››، ‹‹مەركەز بىلەن يەرلىك تەڭ مەسئۇل بولۇش كېرەك››، ‹‹<ئىككى ئاكتىپچانلىق>نى قوزغاش ۋە ياخشى قوغداش كېرەك›› دېگەندەك مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە ۋە تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلدى. 2013 – يىلى مەركەز ‹‹ئۆزىمىزنى ئاساس قىلىش، مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قويۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇۋاپىق ئىمپورت قىلىش، پەن – تېخنىكىنى تايانچ قىلىش››تىن ئىبارەت دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ يولغا قويۇپ، دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، دانلىق زىرائەتلەردە ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنى تەمىنلەش، ئاشلىقتا مۇتلەق بىخەتەر بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى.

  گوۋۇيۈەن يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ پىكرىنى تولۇق ئالغاندىن كېيىن، ‹‹ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر›› يولغا قويدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسى ۋە مەركەزنىڭ بىر قاتار تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تەكشۈرۈش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش كۈچەيتىلدى چېن شىۋېن مۇنداق دېدى: ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئاساسىي تۈزۈم. 1994 – يىلى گوۋۇيۈەن ئاشلىققا ئۆلكە باشلىقلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغانىدى، شۇنىڭدىن كېيىن بىر نەچچە ھۆججەت ۋە يىرىك پىلانلاردا بۇنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. بۇ قېتىم گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹پىكىر››نى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ۋارىسلىق قىلغانلىقى، ئۇنى راۋاجلاندۇرغانلىقى ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق ياراتقانلىقى، گوۋۇيۈەننىڭ تۇنجى قېتىم مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتىكى ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرغانلىقى ھېسابلىنىدۇ. چېن شىۋېننىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ‹‹پىكىر››دە ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر نەچچە ئالاھىدىلىك بولغان: بىرىنچىدىن، دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە مۇرەككەپلىكى يەنىمۇ تەكىتلەنگەن. پىكىردە مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: بايلىق، مۇھىتنىڭ چەكلىمىسى بارغانسېرى ئېشىۋاتقان، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجدا ئۇزاققىچە تەڭپۇڭلۇق جىددىي بولۇۋاتقان ۋە دۆلەت ئىچىدە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى تېز ئېشىۋاتقان، ئاشلىق باھاسى خەلقئارا بازاردىن ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، جايلار ۋە تارماقلار ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە مۇرەككەپلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، ئومۇمىيلىق ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ گەۋدىلىك ئورنىغا قويۇپ، ئۇنى خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئاساسىي ۋەزىپە دەپ بىلىپ، ئۇزاققىچە بوشاشتۇرماسلىقى، قىلچە تەۋرەنمەسلىكى كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتىكى ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ تولۇق ۋە سىستېمىلىق بەلگىلەندى. ‹‹پىكىر››دە مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز رايونلىرىنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، زاپاس ساقلاش ۋە ئوبوروت قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشى كېرەك. ‹‹پىكىر››دە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان مەسئۇلىيەت ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش، ئىستېمال قىلىش قاتارلىق ھالقىلاردىكى مۇھىم مەزمۇنلارنى قاپلىدى، ئۇنىڭدا ئاشلىقنىڭ سان بىخەتەرلىكىلا ئەمەس، يەنە سۈپەت بىخەتەرلىكى، ئاشلىق كەسپىنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇش، ئاشلىقنى تېجەش، زىياننى ئازايتىش، ساغلام ئىستېمال قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر تەكىتلەندى. ئۈچىنچىدىن، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بەلگىلىمىلىرى تېخىمۇ ئايدىڭ ۋە كونكرېت بولدى. ‹‹پىكىر›› ئىنتايىن كۈچلۈك قاراتمىلىق ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولدى، بۇ ئاساسلىقى بەلگىلەنگەن تۈرلۈك مەسئۇلىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنىڭ ئىنتايىن ئايدىڭ ۋە كونكرېت بولغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە، تېخىمۇ قاتتىق بولغان تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا، ئۇلار باشقۇرۇۋاتقان تەۋەلىكتىكى تېرىلغۇ يەر ۋە ئاساسىي ئېتىز – ئېرىقلارنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئاساسلىق رايونلاردا ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش، ئاشلىق سېتىلىدىغان ئاساسلىق رايونلاردا ئاشلىق تېرىش كۆلىمىنىڭ تۆۋەن چېكىنى بېكىتىش، ئاشلىق سېتىلىدىغان ئاساسلىق رايونلار ۋە ئىشلەپچىقىرىش – سېتىش تەڭپۇڭ بولغان رايونلاردا ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەش نىسبىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش شۇنداقلا ئۆستۈرۈش ئېنىق تەلەپ قىلىندى. ئاشلىقنى زاپاس ساقلاش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە، زاپاس ساقلاش كۆلىمى ۋە ئورۇنلاش ۋاقتى بويىچە، يەرلىك ئاشلىق زاپىسىنى تولۇقلاشنى چىڭ تۇتۇپ، يەرلىكتە ساقلانغان ئاشلىق تۈرى، سانى ۋە جايلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا قەرەللىك يوللاش تەلەپ قىلىندى. ئاشلىقنى ئوبوروت قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە، ئاشلىقنى زاپاس ساقلاش، ئوبوروت قىلىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرى قاتارىدا چىڭ تۇتۇش تەلەپ قىلىندى. تۆتىنچىدىن، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمى تېخىمۇ ئەستايىدىل ۋە كەسكىن بولدى. ‹‹پىكىر››دە دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتىكى تۈرلۈك تۈزۈم ۋە مېخانىزمنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش تەكىتلەندى، بولۇپمۇ نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش مېخانىزمنى ئورنىتىش ئېنىق تەلەپ قىلىنىپ، جايلارنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى تەكشۈرۈش، مەسئۇلىيىتى ۋە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى كۈچەيتىلىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقلىرى مەسئۇل بولۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئەستايىدىللىقى كۈچەيتىلدى. بۇ ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق بولدى. ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆز رايونىنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى چېن شىۋېننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ‹‹پىكىر›› جەمئىي ئون جەھەتتىن 29 مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، زاپاس ساقلاش ۋە ئوبوروت قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش دەۋرى قىلىنىپ، ئۆلكە باشلىقى(رەئىس، شەھەر باشلىقى)لىرىنىڭ دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتە ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەتلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. بۇ ئون جەھەتتىكى مەزمۇن مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئاشلىق بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش؛ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش؛ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپچانلىقىنى ھەقىقىي قوغداش؛ يەرلىكنىڭ ئاشلىق زاپىسىنى ياخشى باشقۇرۇش؛ ئاشلىقنى ئوبوروت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش؛ ئاشلىق كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ رايون ئاشلىق بازىرىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئاشلىق سۈپىتى، بىخەتەرلىكىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش؛ ئاشلىق تېجەش، زىياننى ئازايتىش ۋە ساغلام ئىستېمال قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش؛ كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرى ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش جەھەتتە، ‹‹پىكىر››دە: تېرىلغۇ يەرنىڭ تۆۋەن چەك سىزىقىنى قەتئىي ساقلاش، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز – ئېرىق بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى پەن – تېخنىكا سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش، يېڭىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹پىكىر››دە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايون، ئاشلىق سېتىلىدىغان ئاساسلىق رايون ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش تەڭپۇڭلاشقان رايونلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، جايلارنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتى قاراتمىلىق ھالدا ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئاشلىق تېرىش ئاكتىپچانلىقىنى ھەقىقىي قوغداش جەھەتتە، ئاشلىق تېرىشنى يۆلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق سېتىۋېلىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىق تېرىشنىڭ سېلىشتۇرما پايدىسى تىرىشىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ‹‹پىكىر››دە يەنە مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: ياردەم پۇلىنىڭ تۈجۈپىلىك، يېتەكچىلىك بولۇشىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ‹‹ئۇن زاۋۇتىدىكى ئاشلىقنى ھېسابقا كىرگۈزۈش›› ۋە ‹‹ئاق ھۆججەت يېزىپ بېرىش››، دەرىجىسى ۋە باھاسىنى چۈشۈرۈش قاتارلىق دېھقانلارنى زىيانغا ئۇچرىتىشتەك قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. يەرلىكنىڭ ئاشلىق زاپىسىنى ياخشى باشقۇرۇش جەھەتتە، يەرلىكنىڭ ئاشلىق زاپىسى چىڭ تۇتۇلۇپ تولۇقلىنىپ، سانى تولۇق، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، سۈپىتى ياخشى، يۆتكەپ ئىشلىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ‹‹پىكىر››دە يەنە مۇنداق دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: زاپاس ساقلاش خىراجىتى ۋە ئۆسۈم ياردەم پۇلى مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۆۋەتلىشىپ باشقۇرۇش ۋە ئىسكىلات قالدۇقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىك بىلەن مەركەزنىڭ ئاشلىق زاپىسىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، بازارنى تەڭشەپ كونترول قىلىش، ئاشلىق باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ھەمكارلىق ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ‹‹پىكىر››دە مۇنداق دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، مۇھىم تېخنىكىلارنى كېڭەيتىش، مۇھىتنى كۆزىتىپ تۈزەش، ئىستاتىستىكىلىق ئۇچۇرلار بىلەن مۇلازىمەت قىلىش، مەمۇرىي قانۇننى ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئىزچىل قوللىشى كېرەك. ئاشلىق سېتىلىدىغان ئاساسلىق رايونلار ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش تەڭپۇڭ بولغان رايونلار ئاشلىق خېيىم – خەتەر فوندىنى ۋاقتىدا تولۇق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىك، ئاشلىق قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت، ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت ئاشلىق ئىدارىسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، بۇ پىكىرگە ئاساسەن نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش چارىسىنى چىڭ تۇتۇپ بېكىتىپ، ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى قەرەللىك تەشكىللىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر