باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك ئىشلىرى تەرەققىياتىغا ئەقىل كۆرسىتىلدى

2015.03.24 13:13         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 20- مارت چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك ئىشلىرى تەرەققىياتى توغرىسىدا چارە - تەدبىر كۆرسەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇھەممەد ياسىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا سۆز قىلدى. مېڭ چىڭسەي، ياڭ شياۋلى، رەنا قاسىم، دولقۇن توختى، لىن شۆ، ئىسراپىل ئەبەي، يى چياڭ قاتارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، دوختۇرخانا، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىندا ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابەت دورىگەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇرېھىم يۈسۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يۈ دېشېڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ - پىكىرلەرگە ئىنكاس قايتۇردى ۋە جاۋاب بەردى.

  كۆپچىلىك مۇنداق دېدى: مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك ئىشلىرى تەرەققىياتىنى يۆلەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش مىللىي تېبابەتنىڭ داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىنىڭ مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ۋە كەسىپ كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك ئىشلىرى تەرەققىياتىدا زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئېھتىياجىغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا خېلى زور پەرق بار، مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك مۇلازىمەت سىستېمىسى مۇكەممەل بولماسلىق، ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش، زامانىۋى كەسىپ ئاساسى كۈچلۈك بولماسلىق، ئىشلەپچىقىرىش، تەتقىق قىلىپ ياساش ئارقىدا قېلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئاجىز، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش يېتەرسىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت.

  نۇرلان ئابىلمەجىن كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشتى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىكتىكى خاس ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەت ئاساس قىلىنغان دوختۇرخانا باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو تېبابىتى، ئۇيغۇر تېبابىتى، قازاق تېبابىتى قاتارلىقلارنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. خاسلىققا ئىگە دوختۇرخانا ۋە خاسلىققا ئىگە مەخسۇس بۆلۈملەرنى قۇرۇش كېرەك، بۇ مىللىي تېبابەت دوختۇرخانىلىرى ۋە دورىگەرلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى؛ داڭلىق دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش، داڭلىق بۆلۈملەرنى تەسىس قىلىش، داڭلىق دوختۇرخانىلارنى قۇرۇش كېرەك، بۇ مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشى؛ داۋالاش، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، بۇ مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يولى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك ساھەسىدە روشەن خاسلىققا ئىگە كۇرسلۇق مەھسۇلاتلارنى كۈچەپ بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك داڭقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىكتىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى قېزىش، رەتلەش، قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك پەن - بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى - سىرتىدىكى مىللىي تېبابەت دوختۇرخانىلىرى ۋە دورىگەرلىك ساھەسىدىكىلەرنىڭ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىكىنىڭ سىرتقا يۈزلىنىپ، رايونلۇق داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشىدا رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر