- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭلىق بوۋاي 30 يىلدا تۆت كۆۋرۈك سېلىپ ۋە رېمونت قىلىپ، قوغدىغۇچى قاراۋۇل بولۇپ قالدى
2015.03.20 11:01 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئابدۇراخمان جۈمەخۇن بۇلتۇر رېمونت قىلىپ ياسىغان «راخمان كۆۋرۈكى»دە قار سۈپۈرۈۋاتىدۇ.
شىنجاڭلىق ئۇيغۇر بوۋاي 30 يىلدا تۆت كۆۋرۈكنى رېمونت قىلىپ، قوغدىغۇچى قاراۋۇل بولۇپ قالدى.
غۇلجا ئۇيغۇر ئۈچئون يېزىسىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر بوۋاي ئابدۇراخمان جۈمەخۇن ھەر قېتىم قار ياغقانداسۈپۈرگىلىرىنى ئېلىپ ئۆزى رېمونت قىلغان كۆۋرۈكتىكى قارلارنى سۈپۈرىدۇ. ئابدۇراخمان بوۋاي، ۋاقتىدا سۈپۈرۈۋەتكەندە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندە تىيىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.بۇ كۆۋرۈك «راخمان كۆۋرۈكى» دەپ نام ئالغان بولۇپ، بۇ كۆۋرۈك ئۇ 30 يىل ئىلگىرى ياسىغان تۆتىنچى كۆۋرۈك.
راخمان بوۋاينىڭ كەنتىدە ئۇيغۇر ئۈچئون يېزىسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان بىر ئېرىق بولۇپ، ئېرىقنىڭ بىر تەرىپى ئالتۇن يېزىسى يەنە بىر تەرىپى راۋان كەنتى ئىدى. ئەينى چاغلاردا ئالتۇن كەنتىدە دوختۇرلار كەمچىل بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنەلمىگەن. كىشىلەرنىڭ كېسەل كۆرسىتىشتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 1983-يىلى ئابدۇراخمان خەلق ئۆستىڭىگە بىر كۆۋرۈك سالغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كۆۋرۈك ياساش كەسپىنى باشلىۋەتكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر