- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


يولغا قويۇلغىنىغا 30 يىل بولغان ھەق ئېلىش ئىجازەتنامىسى تۈزۈمىگە خاتىمە بېرىلىدىغان بولدى
2015.03.19 13:36 مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى
يولغا قويۇلغىنىغا 30 يىل بولغان ھەق ئېلىش ئىجازەتنامىسى تۈزۈمىگە خاتىمە بېرىلىدىغان بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ھەق ئېلىش ئىجازەتنامىسىنى يىللىق تەكشۈرۈش خىزمىتىنى توختىتىدىغان بولۇپ، ھەق ئالىدىغان ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ ھەق ئېلىش ئىجازەتنامىسى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلىتىلىدىكەن. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ 2014- يىللىق ھەق ئېلىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش ۋە ئېلىنغان ھەقلەرنى ئىستاتىستىكا قىلىش خىزمىتى مۇشۇ ئاينىڭ 16- كۈنى باشلانغان بولۇپ، 6- ئاينىڭ 1- كۈنى ئاياغلىشىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
ئالاقىدار خەۋەرلەر