باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسىدە، يېزا ئىگىلىكىدە زىرائەتلەرنى ئاسراشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتتى

2015.03.19 13:34         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18- مارت چۈشتىن بۇرۇن باشلانغان 4- نۆۋەتلىك جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسىدە، يېزا ئىگىلىكىدە زىرائەتلەرنى ئاسراشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتتى.

  بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لى جيەنپىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن مەخسۇس ئاقسۇغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ 200 مولۇق كېۋەزلىكى بارلىقى، ھەر يىلى كېۋەزلەرگە دورا چېچىشنىڭ ئۆزىنىڭ بېشىنى بەكلا ئاغرىتىدىغانلىقى، سالامەتلىككىمۇ تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە، يىراقتىن كونترول قىلغىلى بولىدىغان شۇنداقلا كېۋەزلەرگە دورا چېچىشقا بولىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا قىزىقىپ قالدىم. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق دورا چاچقاندا، تەكشى چاچقىلى بولىدىكەن. ئەڭ ياخشى يېرى، ئادەملەر دورا بىلەن بىۋاستە ئۇچراشمايدىغان بولغاچقا، ئادەم تېنىگە زىيان يەتمەيدىكەن. ھازىر، ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە كۆز قارىشىدا ئۆزگىرىش بولماقتا. يەرمەنكىدە نۇرغۇن ياخشى نەرسىلەرنى كۆردۇق.»

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىلمايدىغان بولۇپ، پەقەت مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ھەر مو يەردىكى كېۋەزلىككە دورا چېچىش ھەققى 50 يۈەن بولۇپ، ئادەم كۈچىدىن پايدىلىنىپ دورا چېچىشقا سېلىشتۇرغاندا، ھەر مو يەردە 50 يۈەنلىك دورا چېچىش ھەققىنى تىجەپ قالغىلى بولىدىكەن. نۆۋەتتە، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق دورا چېچىش مەشغۇلاتى ئاۋات ناھىيەسىدە سىناق قىلىنىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ئاۋات ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ماۋ چاۋشېڭ مۇنداق دېدى: «ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق دورا چېچىش مەشغۇلاتى ناھىيەمىزدىكى 100 مىڭ مو يەردە كېڭەيتىلىشى مۇمكىن. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى ئىشلىتىلىش نىسبىتى تەدرىجىي ئاشىدۇ. چۈنكى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەشغۇلاتى يەر شەكلىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. ئەمگەك تەننەرقى تۆۋەن بولۇپ، كەلگۈسىدىكى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم يۈزلىنىش بولۇپ قالىدۇ.»

  بۇ نۆۋەتلىك جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسىدە، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان 150 نەچچە كارخانا يەرمەنكىگە قاتناشتى. يەرمەنكىگە قويۇلغان مەھسۇلاتلار-- زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، ئۇرۇقلۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ئۈسكۈنىلىرى، زىرائەتلەرنى ئاسراش ماشىنىلىرى قاتارلىق جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش جەريانىغا كېرەكلىك مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر