- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى يولۇچى توشۇش بېكەتلىرى يولۇچىلار بېسىق مەزگىلنى كۈتىۋالدى
2015.03.19 13:32 مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى
ھاۋانىڭ تەدرىجىي ئىللىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى سانائەت كارخانىلىرى ۋە كانلاردا ئىش باشلىنىپ، زور تۈركۈمدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەر ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىشكە باشلىدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى يولۇچى توشۇش بېكەتلىرى يولۇچىلار بېسىق مەزگىلنى كۈتىۋالدى.
18- مارت ئەتتىگەندە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش بېكىتىنىڭ بىلەت سېتىش زالىدا، بىلەت سېتىۋالغىلى كەلگەن يولۇچىلار ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتكەنىدى. ئاپتوبۇس كۈتۈش ئورنىمۇ يولۇچىلار بىلەن لىق تولغانىدى. بىكەتتىكى رادىيو ئۇزىلىدا، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا بارىدىغان ئاپتوبۇس ئۇچۇرلىرى ئاڭلىتىلىۋاتاتتى. جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش بېكىتى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ چىفېڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر، كۈندىلىك يولۇچى توشۇش مىقدارىمىز چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكىدىنمۇ 2 مىڭ ئادەم قېتىم كۆپ بولماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە، قەشقەر، ئاقسۇ، كۇچا قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان يولۇچىلار ناھايىتى كۆپ بولماقتا. بىز ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ، ئاپتوبۇسلارنى يۆتكەپ ماسلاشتۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ قېپقالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.»
ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىدىغان دېھقان ئىشلەمچىلەر سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ھەر قايسى جايلارغا بارىدىغان يولۇچىلار سانىمۇ تەڭ ئېشىشقا باشلىدى. ھەر قايسى ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش بېكەتلىرى توشۇش كۈچىنى كۆپەيتىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ بىخەتەر ۋە تەرتىپلىك يولغا چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئۈرۈمچى شىمالىي شەھەر ئەتراپى ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش بېكىتىدىن جاڭ خۈەن مۇنداق دېدى: «گۇچۇڭغا بارىدىغان ئاپتوبۇسلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئەتتىگەندە 15 مىنوتتا بىردىن؛ چۈشتىن كېيىن بولسا، 25 مىنوتتىن 40 مىنوتقىچە بىردىن يولغا چىقىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 5تىن كېيىن يولغا چىقىدىغان ئاپتوبۇستىن بىرنى كۆپەيتىشىمىز مۇمكىن.»
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
ئالاقىدار خەۋەرلەر