باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز 3 يىل ئىچىدە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن مىڭنى قۇرۇشنى پىلانلىدى

2015.03.19 13:30         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردىكى ئەمگەك بايلىقىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 3 يىل ئىچىدە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن مىڭنى قۇرۇشنى پىلانلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ رۇڭ مۇنداق دېدى: «بۇ تۈردىكى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەقسەد-- يېزىلاردا ئەمگەك بايلىقىنى ھەركەتلىك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېزىلاردىكى ئەمگەك بايلىقىنىڭ سانى، قۇرۇلمىسى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە تەربىيەلەش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ھەمدە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىشانىغا يېتىشتىن ئىبارەت. نۆۋەتتە، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەنتلەرگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرى تۇرۇشلۇق 16 كەنتتىن باشلىنىدۇ ھەمدە تەدرىجىي كېڭەيتىلىدۇ. نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتىكى ئالاقىدار كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى جۈملىدىن ئائىلىلەرگىچە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەشتىكى سانلىق كۆرسەتكۈچلەر ئايلار بويىچە يېڭىلىنىدۇ.»

  جاڭ رۇڭ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ يىل، يېزىلاردىكى ئەمگەك بايلىقىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن سانلىق ماتىرىياللارغا ئاساسەن، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلار قاتلاملارغا ئايرىلىپ، ماس ھالدا تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر