باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن تەشۋىقات خىزمىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنى چاقىردى

2015.03.19 13:29         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18- مارت چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن تەشۋىقات خىزمىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنى چاقىردى.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن تەشۋىقاتىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم تېما ۋە نۇقتىلىق پائالىيەتلىرىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، تەشۋىقات ۋە پىلانلاشتا باش تېمىنى ۋە مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك ئىشلاردا قولغا كەلتۈرۈلگەن تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى نامايان قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ياخشى ئوبرازى ۋە تەسىر كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈردى.»

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇنىڭدىن كېيىن، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىن ئىبارەت مۇھىم تەشۋىقات سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى يىغىن تەشۋىقاتىنى زورايتىشى ۋە كۈچەيتىشى؛ شىنجاڭنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى كېرەك. تور تەشۋىقاتى ۋە مەركەزدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەشۋىقات سۈپىتى ۋە سانىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك.»

  يىغىندا يەنە بۇ يىللىق نۇقتىلىق تەشۋىقات خىزمەتلىرى توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى. ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى باش تېما ۋە ئېقىم مەسىلىلىرى، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى قاتارلىق باش تېما تەشۋىقاتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى؛ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاخبارات تەشۋىقات خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى تەلەپ قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك ھەمدە سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر