باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا «ھەممىباپ كارتا» ئىشلىتىپ داۋالىنىش سىناق نۇقتىسى قوزغىتىلىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى داۋالىنىش كارتىسىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ

2015.03.18 10:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-مارت مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئۇچۇر مەركىزىدىن ئىگىلشىچە؛ بۇ يىل ئاپتونوم رايوندا شىنجاڭ بويىچە دوختۇرخانىدا داۋالانغاندا «ھەممىباپ كارتا»نى ئىشلىتىشنى سىناق قىلىش باشلىنىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بىلەن دوختۇرخانىدا داۋالىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىغا تايىنىپلا سىناق نۇقتىسى قىلىپ بەلگىلەنگەن داۋالىنىش ئاپپاراتلىرىدا نومۇر ئېلىش، كېسەل كۆرسىتىش، ھېسابات قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق پۈتۈن جەرياننى بېجىرگىلى بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2014-يىلى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى باشلامچىلىق قىلىپ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى داۋالىنىش كارتىسىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ سىناق قىلغان. بۇ يىل، ئاپتونوم رايوندىكى ۋىلايەت-ئوبلاستلار «ھەممىباب كارتا» سىناق نۇقتىسى خىزمىتىنى يولغا قويماقچى بولۇپ، ۋىلايەت- ئوبلاستلار داۋالىنىش كارتىسى تارقاتقان بەلگىلەنگەن 2-3 داۋالاش ئاپپاراتىدا سىناق خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى بەلگىلەنگەن داۋالىنىش ئاپپاراتلىرى تارقاتقان داۋالىنىش كارتىسى ئورنىدا ئىشلىتىشنى سىناق قىلىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان كىشىلەرنى قولاي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر