باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

فېڭ دۇڭمىڭ بىلىم- مۈلۈك ھوقوقىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى قوغداشنى مۇراجىئەت قىلدى

2015.03.12 13:45         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، مىك مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى فېڭ دۇڭمىڭ بىلىم- مۈلۈك ھوقوقىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، ساغلام بازار ۋە يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى شۇنداقلا رەقەملەشكەن تور دەۋرىنى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى قوغداشنى مۇراجىئەت قىلدى.
فېڭ دۇڭمىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى بىلەن ساختىلىق ئىشلىتىشنىڭ ئارىلىقى «ئەڭ ئاخىرقى» بىر كىلومېتىر ئەمەس. پەقەت بىر ۋاراق قەغەز بىلەنلا ئايرىلىپ تۇرىدۇ. قەغەز يېرتىلىپ كەتسىلا ئوتتۇرىدا ھېچقانداق ئارىلىق قالمايدۇ. مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى قوغداش ئىنتايىن ئاجىز.
فېڭ دۇڭمىڭ يەنە مۇنداق دېدى: مىك گۈزەل ئۆي جاھازلىرى شىركىتىمىز بۇلتۇر، توردا 91 مىڭ ساختا مەھسۇلاتقا زەربە بەردى. بۇ يىل 2- ئايغىچە، يەنە 25 مىڭ ساختا مەھسۇلاتقا زەربە بەردى. ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەتچىلەرنىڭ توردا ساختا مەھسۇلات سېتىش بۇسۇغۇسىغا قۇيۇلغان چەكلىمە قاتتىق بولماي قالدى. توردا بۇنداق ئەھۋاللار يۈز بەرسە قانداق قىلىش كېرەك؟ قانۇن بىزنىڭ نوپۇزىمىزنى قانداق قوغدايدۇ؟ ساختا مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقان بۇ ئورۇنلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟ بۇ جەھەتتە بىزدە بەزى يېتەرسىزلىكلەر بار. ئازراقلا دىققەت قىلمىساق، لايىھە خەرىتىمىز ئاشكارىلىنىپلا قالسا، نۇرغۇن كارخانىلار شۇ مەھسۇلاتنىڭ ساختىسىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.
ئىنتىرنت تورى تېخنىكىسىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ تور ئاساسىي ئەسلىھەسىنىڭ ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشى كارخانىلارغا تېخىمۇ كەڭ سۇپا ھازىرلاپ، ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلار بىلەن تەمىنلىدى. ئەمما بۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ بەزى قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئىچىدە بىلىم- مۈلۈك ھوقوقىنى قوغداش قاتارلىق بىر يۈرۈش يېڭى تېمىلارمۇ بار. ھوقوققا دەخلى تەرۇز قىلىش تەننەرخى تۆۋەن، ھوقوقنى قوغداش تەننەرخىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ــ تور دەۋرىدە بىلىم- مۈلۈك ھوقوقىغا ئائىت دېلولارنىڭ كۆپ يۈز بېرىشىدىكى كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىك بولۇپ قالدى. فېڭ دۇڭمىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە كارخانىلارنىڭ ھوقوقنى قوغدىشىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار بار. ئالايلۇق مېك گۇرۇھى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرى بازارغا كىرمەي تۇرۇپلا، ئۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان مەھسۇلاتلار بەزى كۆرگەزمىلەرگە سېلىنىپ بولدى. بۇ مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانىلارغا مۆلچەرلىگۈسىز زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.
ئەنئەنىۋىي كەسپلەردە تىپنى ئۆزگەرتىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بىلىم- مۈلۈك ھوقوقىنى قوغداش، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، بۇنىڭغا قارىتا، فېڭ دۇڭمىڭ مۇنداق دېدى: «ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى قانۇنى»نى تېزدىن تۈزۈپ چىقىپ، ئىنتىرنت تورى مۇھىتىدا «ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقوق- مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى» بىلەن « ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى»نى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئىنترنېت تورى كارخانىلىرى بىلەن ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى سۇپىسىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىش زۆرۈر بولغان بىلىم- مۈلۈك ھوقوقىنى قوغداشنىڭ قانۇندا بېكىتىلگەن مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. فېڭ دۇڭمىڭ يەنە مۇنداق دېدى: بىر يېڭى مەھسۇلات يارىتىش بىلەن تەقلىد قىلىپ بىر مەھسۇلات يارىتىشنىڭ تەننەرخ پەرقى ناھايىتى زور. بەزىدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى قوغداش ئىنتايىن ئاجىز بولىدۇ. بىلىم - مۈلۈك ھوقوقىنى قوغداش، پاتېنت ھوقوقىغا ئىگە مەھسۇلاتلارغا قارىتا جەزمەن قانۇن تۈزۈملەشكەن يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ساقلاپ قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر