- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بۇ يىل يېزىلاردىكى 480 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ ئىچىم سۇ مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ
2015.03.12 13:38 مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ 8-مارت ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون مالىيەسى بۇ يىل 329 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى 432 مىڭ 600 ئاھالە ۋە 52 مىڭ ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىنىڭ بىخەتەر ئىچىم سۈيىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت «12-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى 3 مىليون 433 مىڭ ئاھالە ۋە 440 مىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىنىڭ بىخەتەر ئىچىم سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى پىلانلىغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى بىلەن بىرلكتە، «12-بەش يىللىق پىلان» سىرتىدا 170 مىڭ كىشىنىڭ ئىچىم سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى بۇ يىللىق مەركەزنىڭ سېلىنما پىلانىغا كىرگۈزۈشنى قولغا كەلتۈرىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
ئالاقىدار خەۋەرلەر