باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۆپ خىل يوللار بىلەن ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك

2015.03.12 13:28   مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

كۆپ خىل يوللار بىلەن ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك

  ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ياخشى تەدبىرلەر خەلق كۆڭلىگە ياقىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا پايدىلىق ئىشلار كۆپ تىلغا ئېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتۇشنىڭ ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا ئىكەنلىگى تەكىتلەندى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلوق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى خاسىيەت ئەلى بۇ ھەقتە مۇنداق دىدى:

  ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت ئوبلاستنى ئاساس قىلىپ ئاياللارنىڭ ماھارەت ئىگەللەش، كەسپىي جەھەتتە تېخنىكا ئىگەللەش، ئۆز كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتىكى كۆز قارىشىنى تىكلىشىگە بىز بىر قانچە ئىشلارنى قىلماقچى. بىرسى ئايال كادىلار مەكتىپىمىزدە كەسپىي ماھارەت ئىگىلەشتە سەيپۇڭچىلىق، ئاشپەزلىك، پىچىنە، پىرەنىك پىشۇرۇش، ھۆسۈن تۈزەش ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە تەربيىلەش. بۇ تەربىيلەشنى بىز مەكتەپدىلا تەربىيلەپ قالماي يېزا، كەنتلەردە، ئائىلىلەردە تەربىيلەشنى يولغا قويىۋاتىمىز. بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن ئاياللارنىڭ كۆز قارىشىدا ۋە قىياپىتىدە ئۆزگۈرۈش بولدى. خېلى كۆپ ساندىكى ئاياللىرىمىز ئىگىلىك تىكلىدى. بۇ جەيراندا نۇرغۇن ئاياللار ئالدى 3مىڭ يۈەندىن، كەينى مىڭ يۈەنگىچە پۇل تاپتى. بۇ ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى، جەمئىيەتتىكى ئىناۋىتىدە، ئورنىدا ئۆزگۈرۈش بولدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇلتۇر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ ئىچىدە ئاياللارنىڭ نىسبىتى %44نى ئىگەللىدى. خاسىيەت ئەلى بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئاپتونوم رايونىمىز قانداق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى، كىرىمىنى كۆپەيتىپ ئائىلە باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەر ھەققىدە مۇنداق دىدى: «ھازىر كارخانا ئېچىۋاتقان نۇرغۇن ئايال كارخانىچىلىرىمىز بار. بۇ كارخانىلاردا ئاز دىگەندە 10دىن كۆپ بولغاندا 100گىچە ئاياللارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۈكىنى يېنىكلىتىۋاتىدۇ. بۇ كارخانىچىلار چوقۇم كارخانا باشقۇرۇشنى بىلىشى كېرەك، پارتىيە - ھۆكۈمەتنىڭ مۇشۇ كارخانىچىلارغا بەرگەن مەبلەغلىرىدىن، سىياسەتلىرىدىن پايدىلىنىشنى بىلىشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇشۇ كارخانىچىلارنى يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ياكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بىلەن بىرلىكتە كارخانىنى ياخشى باشقۇرۇپ ئۆز ئىگىلىكىنى تېخىمۇ راۋاج تاپقۇزغىلى بولىدۇ دىگەن نۇقتىلاردا تەربىيلاشلەرنى ئېلىپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتىمىز. خەلقئارا، ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە ئاپتونوم رايونىمىزىدىكى تۈرلۈك يەرمەنكىلەرگە كارخانىلارنى قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ سۇپا ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلارنى نامايەن قىلۋاتىمىز.

  نۇرغۇن ئاياللىرىمىز ھازىر قول ھۆنەرۋەن، كەشتىچىلىك ئىشىلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇپ دائىرىسى، كۆلىمى، ئادەم سانى بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. كىرىمى ئېشىۋاتىدۇ. بۇلارنى تەربيلەش ئىچكىرى ئۆلىكلەرنى بىلەن تەجىربە ئالماشتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللۇنىشنى ئويلىشىۋاتىمىز. بولۇپمۇ بۇنىڭدا مەھسۇلاتلارنى سېتىش يولىنى ئېچىش ناھايىتى مۇھىم سېتىش يوللىرىنى ئېچىشتا ھازىر مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە شەھەرلەر ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيىلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىۋاتىدۇ. مۇشۇ يول ئارقىلىق بىز ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرىنى قانداق قىلغاندا ئاياللارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يۆلەش دائىرىسىدىكى ئۆلكىلەرگە ئاچىقىشقا بولىدۇ دىگەن ھەققىدە ئىزدىنىپ بۇ يولنى ئېچىش، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ھەققىدە ئىزدىنىۋاتىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن ئويلاۋاتقىنىمىز ھازىر ئۇچۇر ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلۋاتىدۇ. دېھقانلىرىمىزمۇ ھازىر قول تېلېفوندىكى ئۇچۇرلەردىن ۋاقتىدا خەۋەر تېپىپ تۇرالايدۇ. شۇڭا بىز تور ئارقىلىق سودىنى كېڭەيتىش توغرىسىدا ئويلىشىۋاتىمىز ھازىر بىز شىنجاڭ ئاياللىرىنىڭ ئاۋازى دىگەن ئۈندىدار سۇپىسىنى يولغا قويدۇق. كۆپلىگەن ئاياللىرىمىزنىڭ مۇشۇ ئۈندىدار سۇپىسىغا كىرىپ بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق بولغان بىلىملەرنى ئىگەللىسە بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىز شىنجادىكى ھەممە جايلار بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرالايمىز. تور ئارقىلىق مەھسۇلارتلارنى بازارغا سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئويلاۋاتىمىز. بۇ ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى كۆپەيتىشىگە ئاساس سالىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·كېلەر يىلى 25ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندىكى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا بىر تۇتاش سوئال چىقىرىلىدۇ
      ·كېلەر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 25 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردە بىرلىككە كەلگەن ئىمتىھان سو…
      ·قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستېتوتى قەشقەر ئۇنۋېرسىتېتى دەپ ئۆزگەرتىلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن: بۇ يىل مەملىكەتلىك نۇمۇر قۇشۇپ بېرىش سىياسەتلىرى پۈت…
      ·ئىلمىي ئۈنۋاننىڭ تۈرگە ئايرىپ تەسىس قىلىش  كەسپىي مائارىپ راۋاجلاندۇرۇش
      ·{سىن}ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى توغرىسىدا يەتتە تۈرلۈك يېڭى تەدبىرنى چىقاردى
      ·{سىن}ئىچكىردىكى شىنجاڭ سىنىپى قاتارلىقلارغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېتىبار سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش با…
      ·ئەزا مويەن ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى ھەقسىز مائارىپقا كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بەردى
      ·ۋەكىل: جاڭ پىڭيىڭ: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا چەت ئەل تىلىدىن ئىككى قېتىم ئىمتىھان بېرىش ئوقۇغۇچىلارن…
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقات كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى