باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لوپنۇر ناھىيەسى گۈلباغ يېزىسى ئاقچىكە كەنتىنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى

2015.03.11 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋەكىل ياسىن تۇرسۇن، شىنجاڭ بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاشۇرۇلدى

  كەنتىمىز زامانىۋى يېزا ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتلەردە كۈچ چىقاردى. ئىلگىرى كۈن ئۆتكۈزۈپلا يۈرەتتۇق، ھازىر ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كەنتتە پارنىك ئۈلگە بازىسى قۇرۇپ، كۆكتات، مېۋە-چىۋە تەردۇق ۋە بۇنى پۈتۈن كەنتتە تەدرىجىي ئومۇملاشتۇردۇق.

  ئۇنىڭدىن باشقا چارۋىچىلىق، باقمىچىلىقنىڭمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولدى، يەتتە، سەككىز ئايلىق بولغاننى پاقلاننى بەش، ئالتە يۈز يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ، شۇڭا بىز ئۆيمۇ-ئۆي يۈرۈپ دېھقان-چارۋىچىلارنى كالا، قوي بېقىشقا رىغبەتلەندۈردۇق، ناھىيە يەنە مەخسۇس تولۇقلىما بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ قوي بېقىش قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشتى. ھازىر ھەر بىر ئائىلىلىكنىڭ يىللىق كىرىمى بەش، ئالتە مىڭ يۈەن ئاشتى.

  ئادەم كۆپ يېرى ئاز ئائىلىلەرگە قارىتا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشكە يېتەكلىدۇق. ناھىيەدە پاختا پىششىقلاش زاۋۇتىدىن ئون نەچچىسى بار، يەنە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىپ توقۇمىچىلىق زاۋۇتى، كىيىم-كېچەك زاۋۇتى قۇرۇپ، نۇرغۇن ئەمگەك كۈچلىرىنى جەلپ قىلىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر