باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بىرلىكتە گۈزەل كەلگۈسى يارىتايلى

2015.03.09 13:37         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزالىرى ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› نى مۇزاكىرە قىلدى

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزالىرى 5 – مارت ئۆز ساھەسى بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، زۇڭلى لى كېچياڭ بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا قىيىنچىلىقلار ئالدىدا باش ئەگمەي غەيرەت بىلەن ئىلگىرىلىدۇق، نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلمىكى ئاسانغا توختىمىدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلىدا ھالقىلىق تۇنجى قەدەمنى پۇختا ئالدۇق. 2014 – يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ بىر يىل شىنجاڭغا نىسبەتەن ئالاھىدە بىر يىل بولدى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا يارقىن نۇقتىلار، مول نەتىجىلەر بارلىققا كېلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، قۇرۇلما ئۈزلۈكسىز سەرخىللىشىپ، دەرىجىسى ئۆستى، سېلىنما كۆلىمى 1 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئىجتىمائىي ئىشلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ دائىرىسى كېڭەيدى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت مۇقىم بولدى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››قا بىرلەشتۈرۈپ تۆت تۈرلۈك تەكلىپ بەردى: مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك، گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى يەنىمۇ ساقلاش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى››نىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە سىياسەت، تەدبىرلىرىنى جايىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن؛ شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك، گوۋۇيۈەننىڭ پىلانلاش، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنى شىنجاڭ بىلەن بىرلىكتە ‹‹شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش پىلانى›› تۈزۈشكە ماسلاشتۇرۇشىنى ھەم ئۇنى تەستىقلىشىنى، شىنجاڭنىڭ يادرولۇق رايوندا ‹‹بەش چوڭ مەركەز›› قۇرۇشىنى قوللاپ، شىنجاڭنى ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن؛ شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىلمىي ھالقىما تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ۋە پۇختا ئاساسقا ئىگە قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن؛ شىنجاڭنى رايون خاراكتېرلىك، پەرقلىق سىياسەت ئارقىلىق قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك، گوۋۇيۈەننىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈش داۋامىدا شىنجاڭغا مالىيەنى يۆتكەپ چىقىم قىلىش سالمىقىنى زورايتىشىنى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا قارىتىلغان ئۇنىۋېرسال مالىيە كۈچى ياردىمىنى زورايتىشىنى، شىنجاڭغا ئېنېرگىيە كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش بويىچە پەرقلىق سىياسەت يۈرگۈزۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزاسى ئەنۋەر ئىمىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات ھەقىقىي، ئەمەلىي بولۇپ، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، دوكلاتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش، خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى گەۋدىلەندۈرۈش تەكىتلىنىپتۇ. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، كارخانىلار، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ بەلگىلىك نىسبەتتە ئىش ئورنى بېكىتىپ، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنى بەلگىلىك نىسبەتتە قوبۇل قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئاز سانلىق مىللەت ئىستۇدېنتلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزاسى جيا ديەنزېڭ مۇنداق دېدى: دوكلات ئانچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ، ئەمما ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى ئىلھاملاندىم، ئىشەنچكە تولدۇم. زۇڭلى لى كېچياڭ دوكلاتتا ئېلىمىزدە ھازىر مەۋجۇت بولۇۋاتقان مەسىلىلەر، مەسىلەن، مائارىپ، مۇھىت بۇلغىنىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. دوكلاتتىكى ‹‹ھوقۇق بولسىمۇ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ›› دېگەن سۆز ماڭا ھەممىدىن بەك چوڭقۇر تەسىر قىلدى، بۇ دۆلەتنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى ئىپادىلەيدۇ. دوكلاتتا مائارىپنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ غەربىي رايوندىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ غەربىي رايوننىڭ جىددىي ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلار ۋە يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىشىگە پايدىلىق بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزاسى شۈ ۋېيشى مۇنداق دېدى: بىز دوكلات روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز، ئۆزلەشتۈرۇشىمىز ھەم ئۇنى 2015 – يىللىق خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. دوكلاتتا ئېيتىلغاندەك، يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە ماسلىشىپ، يېڭى قىياپەت، يېڭى روھىي ھالەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر