باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەننىڭ جاۋاب خېتى ساباھەت سەمەت ئائىلىسىدىكىلەرنى خۇش قىلىۋەتتى

2015.03.02 15:33         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 27 – فېۋرال ساباھەت سەمەتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن خۇشاللىق كۈن بولدى، بۇ كۈنى ئەمدىلا 13 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئوماق قىز ساباھەتكە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەندىن جاۋاب خەت كەلگەنىدى.

  ساباھەت سەمەت قاراشەھەر ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئاتا – ئانىسىنىڭ سەنئەت كەسپىدە ئەتراپلىق تەربىيەلىشى بىلەن ئۈچ يېرىم ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا ‹‹كىچىك چولپان››غا ئايلىنىپ، ناھىيە، ئوبلاست، ئاپتونوم رايون، ھەتتا مەملىكەت دەرىجىلىك تۈرلۈك سەنئەت مۇسابىقىلىرى ۋە پائالىيەتلەردە تالانتىنى نامايان قىلىپ، نۇرغۇن شان – شەرەپكە ئېرىشكەن. ئاتا – ئانىسى ساباھەتنى سىستېمىلىق تەربىيەلەش ئۈچۈن، ئۇنى 2010 – يىلى 9 – ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 10 – باشلانغۇچ مەكتەپكە يۆتكەپ كېلىپ ئوقۇتقان. 2013 – يىلى 5 – ئايدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 10 – باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلاردىن ھال سورىغاندا، ساباھەت جاڭ چۈنشيەنگە نومۇر ئورۇنلاپ بەرگەن. جاڭ چۈنشيەن ساباھەتنىڭ ئوماق ھەم چېچەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ، قىيىنچىلىق بولسا ئۆزىگە ئېيتىشىنى تاپىلىغان. شۇ يىلى يازلىق تەتىلدە ساباھەتنىڭ ئاتا – ئانىسى ئۇنى قاراشەھەر ناھىيەسىگە قايتۇرۇپ كەتمەكچى بولغاندا، ساباھەت جاڭ چۈنشيەنگە سالام خەت يېزىپ، ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتقان. 2013 – يىلى 9 – ئايدا جاڭ چۈنشيەن ساباھەتنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ساباھەت ئائىلىسىدىكىلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاتا – ئانىسىنىڭ خىزمىتىنى قاراشەھەر ناھىيەسىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىگە يۆتكەپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈرۈمچىدە جەم بولۇپ، ساباھەت بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن سەنئەت كەسپىدە تەربىيەلەنگەن.

  ساباھەت ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە قىلغان غەمخورلۇقىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، بۇ يىل 12 – فېۋرال ئۇنىڭغا: ‹‹جاڭ چۈنشيەن تاغا، ياخشىمۇ سىز؟ مەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 10 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ساباھەت سەمەت بولىمەن، ئالدى بىلەن سىزنىڭ چاغىنىڭىزنى تەبرىكلەيمەن، مەن بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر پىيونېر بولدۇم، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى سىزنىڭ غەمخورلۇقىڭىزدا جەم بولۇپ، خۇشال – خۇرام ياشاۋاتىمىز، مەن چوقۇم ياخشى ئوقۇپ، ياراملىق ئادەم بولۇپ، ۋەتەنگە، سىزنىڭ ئائىلىمىزگە قىلغان ياخشىلىقىڭىزغا جاۋاب قايتۇرىمەن››، دەپ خەت يازغانىدى. جاڭ چۈنشيەن ساباھەتنىڭ بۇ خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن خىزمىتى شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ، ساباھەتكە جاۋاب خەت يېزىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلدى، ئائىلىسىگە بەخت تىلىدى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر