باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق شەھەرلەردىكى ئۆي باھاسىدا يەنە قانداق يۈزلىنىش بارلىققا كىلىدۇ؟

2015.02.28 13:26         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆي-جاي مۈلۈك بازىرىدا پۈتۈشۈش مىقدارى ئازىيىش، باھا تۆۋەنلەشتەك ئالامەت كۆرۈلدى، ئۇنداقتا بۇ يىل بۇ خىل ۋەزىيەت يەنە داۋاملىشامدۇ؟ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق شەھەرلەردىكى ئۆي باھاسىدا يەنە قانداق يۈزلىنىش بارلىققا كىلىدۇ؟ تۆۋەندە ئىستانسىمىزنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋرىنى ئاڭلىتىمىز:

  بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش كۆلىمى ۋە سېتىلىش سوممىسى ئارقا- ئارقىدىن چۈشۈپ كەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە سېتىلىش كۆلىمى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %10، سېتىلىش ئومۇمى سوممىسى %2.4 تۆۋەنلىدى. بۇنىڭغا قارىتا ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جۇڭشەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆي- جاي مۈلۈك بازارلىرىدا بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئاللىبۇرۇن شەكىللىنىپ بولدى. بۇلتۇر يىل بېشىدىن تارتىپ 8-، 9-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا ئۆي باھاسى تۆۋەن ھالەتتە ئاستا- ئاستا ئۆرلىگەن بولۇپ، كىيىنكى 2، 3ئايدا سەل-پەل چۈشتى، چۈشۈش ھەجىمى ئاران %0.3 دىن %0.5 ئارىلىقىدا بولۇپ، بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى شەكىللەندى. كىيىنكى مەزگىلدىن باشلاپ مەلۇم دەرىجىدە چۈشۈشكە باشلىدى. ئۆي سېتىۋالغۇچىلار بىلەن ساتقۇچىلار ئۆي باھاسىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق شەھەرلەردە ئۆينىڭ باھاسىدا قانداق يۈزلىنىش بولىدۇ؟ ۋاڭ جوڭشەن بۇنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: مىنىڭچە 2015-يىلى ئۆي باھاسى مۇقىم ھالەتتا سەل-پەل چۈشۈشى؛ ئەمما چۈشۈش دەرىجىسى ئانچە چوڭ بولماسلىقى مۇمكىن. بۇنىڭدا مۇنداق بىر قانچە سەۋەپ بار، بىرىنچى، ئۆيلەرنىڭ سېتىلماي قۇرۇق ھالەتتە تۇرۇش نىسبىتى ئۆرلەيدۇ. ئىككىنچى، ئۆيى يوق ئاھالىلەر ئازىيىۋاتىدۇ، بەزى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بىر يۈرۈشتىن ئارتۇق ئۆيى بار. ئۈچىنچى، بۇ يىل پاي چېكى بازىرى جانلانغان بولۇپ، تۈرلۈك كىرىم يوللىرى كۆپىيىشكە باشلىدى، كۆپچىلىكنىڭ ئۆي-جاي،مۈلۈك كەسپىگە مەبلەغ سېلىشى ئانچە بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەيدۇ. ئۇنداقتا يەنە نىمە ئۈچۈن ئۆي باھاسى زور ھەجىمدە چۈشۈپ كەتمەيدۇ؟ ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۈرۈمچى شەھىرى جۈملىدىن شەھەر ئەتراپىدا ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئانچە بەك يۇقىرى ئەمەس، يەر باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، قۇرۇلۇش قىلىش تەننەرقىنىڭ بىر قىسىمى ئۆرلەيدۇ. مەسىلەن: خادىملارنىڭ ئىش ھەققى داۋاملىق ئۆرلەيدۇ، ئەمما بىز دەۋاتقان پولات ماتىرياللىرى ۋە سىمونتنىڭ باھاسىچۇ؟ ھازىر ئۇ مۈشكۈل ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، داۋاملىق چۈشۈشتىكى بوشلۇق ئانچە چوڭ ئەمەس، شۇڭا بىز ئۆي-جاي، مۈلۈك باھاسى زور كۆلەمدە ئەمەس بەلكى سەل-پەل چۈشۈشى مۇمكىن، دەپ قارايمىز، بۇ خىل يۈزلىنىشنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر