باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرىغا ئىلھام بەخش ئەتتى

2015.02.28 13:24         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايوننىڭ تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرىغا ئىلھام بەخش ئەتتى.

  مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ چاڭغا تېيىلىش پەلىيى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى- شەندۇڭ جۇڭشىڭ گورۇھى تۈرلەرنى تۇرغۇزۇشتىن ئەمەلىيلەشتۈرگىچە پەقەت يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى. يېڭىسار ناھىيەسىدە 6 ھەمراھ زاۋۇدى قۇردى، نۆۋەتتە قوبۇل قىلغان ئىشچى- خىزمەتچىسى 1 مىڭ 300 گە يېتىپ، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەردىكى چولپان كارخانا بولۇپ قالدى. جۇڭشىڭ گۇرۇھى قەشقەر جۇڭشىڭ پەلەي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ پىڭ مۇنداق دېدى: تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، شىركەت داۋاملىق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىدۇ. ھازىر 4 ھەمراھ زاۋۇد ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، كانادادىن زاكاز قوبۇل قىلدى، بىز 3 يىلدا 10 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدۇق.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە كېڭەيتىشى تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا تەرەققىيات پۇرسىتى ئاتا قىلدى. چىڭگېل ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ خۈيخۇا جىغان بىئو پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى جىغان مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەتقىق قىلىپ ياساشنى ئاساس قىلغان، شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانا ھېسابلىنىدۇ. شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋۇ تۇڭخۇا مۇنداق دېدى: بىز بۇ شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى كۈچەيتىمىز، كەسىپلەر تەرەققىياتى جەريانىدا دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىمىز. يىغىنغا قاتناشقان قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى جاڭ خۇڭگۇاڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: قۇمۇل ۋىلايىتىمىز بۇلتۇر كۈتۈپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، 11 تۈرنى يۆلىدى. جەمئىي 2 مىڭدىن كۆپرەك ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ يىل قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنىڭ زور ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرىمىز. بۇ يىل 20 دىن كۆپرەك تۈر تاللاپ، نەچچە 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ قوللايمىز. چەت، يېراق يېزا، كەنتلەر، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆز يۇرتى، ئۆز يېرىدىن ئايرىلالمايدىغان كىشىلەرنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ماكانلاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى نوقتىلىق ھەل قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر