باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون «تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەر» دە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى

2015.02.28 13:22         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون تۈنۈگۈن «تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەر» دە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى. بۇ «باھاردىكى يېڭى باشلىنىش» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى ھېسابلىنىدۇ.

  تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەر يولغا قويۇلغان 1 يىلدىن بۇيان، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش يېڭى ئەندىزىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 2 ۋىلايەت، 1 ئوبلاستتا دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، بىر تۈركۈم قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كەسىپلەر بارلىققا كېلىپ زورايدى، بىر تۈركۈم كەسپىي ئىشچىلار قوشۇنى تەدرىجىي شەكىللەندى، بىر تۈركۈم يەرلىك ئامما، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇردى.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە «تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەر» نى قانات يايدۇرۇپ، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى زور رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشنى قارار قىلدى. تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا مۇھىم نوقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۈچ- قۇۋۋەتنى مۇجەسسەملەپ ھەم دېھقان- چارۋىچىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئېتىش ھەم جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدىكى كەسىپلەر قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇشقا توسالغۇ بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. يېزىلاردىكى بىر تۈركۈم ئېشىنچە ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش بىلەن بىرگە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئىدىيە- قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، مەبلەغ كاپالىتى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك. جايلار، تارماقلار، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى نىشان قىلىپ، مەبلەغنى ھەقىقىي ئوبدان باشقۇرۇپ ئىشلىتىش كېرەك. بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈر قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن قانىبات سابۇكەي، ماغاۋ سېيتقامزا، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر