باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

توردا قىزىل بولاق تارقىتىپ قەرزىنى قايتۇرماقچى بولغان ئەر مەشغۇلات خاتالىقى تۈپەيلىدىن 4 مىڭ يۈەن پۇلىدىن ئايرىلىپ قالغان

2015.02.27 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «قىزىل بولاق ئالالىدىڭىزمۇ؟». «قانچىلىك قىزىل بولاق ئالالىدىڭىز؟»دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر غۇلجىدىكى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ پاراڭ تېمىسى بولۇپ قالدى، ئەنئەنىۋى قىزىل بولاق بىلەن سېلىشتۇرغاندا، توردىكى قىزىل بولاق نۆۋەتتىكى ئەڭ مودا بولغان ئويۇن بولۇپ قالدى.

  «قىزىل بولاق ئېلىش ــ ئالالماسلىق ــ داۋاملىق ئېلىش» نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ باھار بايرىمىدىكى پىسخىكىلىق كەچۈرمىشى بولۇپ قالدى. چاغان ھارپىسى ئەتىگەندىن باشلاپ، غۇلجا شەھەر ئاھالىسى فەن ئەپەندى قىزىل بولاق ئېلىشنى باشلىغان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ بولغان ئۈندىدار قىزىل بولىقىنى ئېلىش ئۈچۈن، يانفون ۋە كومپىيوتىردا بەس ـ بەستە تورغا چىقىپ، چاغاننىڭ ئىككىنچى كۈنى 140 يۈەن ئالالىغان.

  قىزىل بولاق ئالغاندىن سىرت كۆپچىلىك يەنە دوستلىرىغا قىزىل بولاق تارقاتقان. ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە، قىزىل بولاق تارقىتىلسىلا ئىنتايىن تېزلىكتە تالاپ كېتىلگەن. لېكىن يىقىندا قىزىل بولاققا خۇمار بولۇپ قالغان فەن ئەپەندىم قىزىل بولاق تارقىتىش تۈپەيلىدىن غەمگە مۇپتىلا بولغان.

  فەن ئەپەندى مۇنداق دېدى، ئۇ يېقىندىلا توي قىلغان بولۇپ، قولى سەل قىسقا ئىدى. ئالدىنقى بىر مەزگىلدە ئۆي بېزەشتە دوستىدىن ئالغان تۆت مىڭ يۈەننى ھازىرغىچە قايتۇرۇپ بولالمىغان ئىدى، چاغاندا دوستىغا پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولغاندا، ئۇنىڭ كاللىسىغا يېقىندا ناھايىتى مودا بولغان قىزىل بولاق تارقىتىش شەكلى ئارقىلىق قەرز پۇلنى قايتۇرۇش كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن فەن ئەپەندى چىقىم غەزىنىسى ئارقىلىق قىزىل بولاق تارقاتقان، لېكىن بىخەستىلىك سەۋەبىدىن ئەسلىدە شەخسكە تارقىتىدىغان قىزىل بولاقنى توپقا تارقىتىپ قويغان. 4 مىڭ يۈەن بىردەمدىلا تالاپ تۈگىتىۋېتىلگەن. دوستى ئارانلا 105 يۈەن ئالالىغان.

  فەن ئەپەندى ئەسلىدە سەۋەبىنى ئىنىق ئېيتىپ توپتىكى دوستلاردىن قىزىل بولاقنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلىغان، بىراق توپتىكى دوستلارنڭ ئۆزىنى «بايۋەتچە» دەپ ماختىغانلىقىدىن ئېغىز ئېچىشتىن خىجىل بولۇپ، ئاخىرىدا يەنە ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ قەرزىنى قايتۇرغان.

مەنبە خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر