باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ياشلىق باھارىنى چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىغا بېغىشلاش - پېشقەدەملەرگە سالام

2015.02.25 13:17         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، بىڭتۈەن 83- تۈەنىدىكى 73 ياشلىق جۇڭ خۇاشياڭ ئوغلىدىن پەخىرلەندى. ئۇنىڭ ئوغلى جۇڭ جېنخۇ ئۆزى ھۆددىگە ئالغان 72 مو يەردىكى كېۋەزلىكتىن مول ھوسۇل ئالغانىدى. ئىلغار تامچىلىتىپ سۇغۇرۇش تېخنىكىسى ياشانغانلارنىڭ تېخىمۇ ئالقىشىغا ئېرىشتى. 1964- يىلى خېبىيدىن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 83- تۈەنىگە كەلگەن جۇڭ خۇاشياڭ 50 نەچچە يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە تۈەن مەيدانىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشىنى ئويلىمىغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن شىنجاڭغا يېڭى كەلگەن چېغىمدا، ھەممىلا يەر قاقاسلىق بولۇپ، شامال كۆپ چىقاتتى. ھازىر دەل- دەرەخ كۆپىيىپ، شامالمۇ ئازايدى. پاختا مەھسۇلات مىقدارى ئاشتى. دېمەك شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى.»

  كېۋەز تېرىشكە تايىنىپ، جۇڭ جىنخۇ بىنا ئۆي سېتىۋالدى. ئاپتوموبىل سېتىۋالدى. ئەمما ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى پېشقەدەملەرنىڭ جاپالىق ئەجرىدىن ئايرىلالمايتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: دادام ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى بۇ يەردە بوز يەر ئېچىپ، ئۆستەڭ چېپىپ، ئورمان ئەھيا قىلىپ بۈگۈنكى بۇ ئەۋزەل شارائىتنى ياراتتى. ئۇلارنىڭ بىزگە ياراتقان مەنىۋىي بايلىقى ھەقىقەتەن بەك كۆپ، ئۇلار ھازىرمۇ ئەنە شۇنداق ئۈمىتۋارلىق بىلەن ياشاۋاتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار كۆپ جاپا تارتتى. ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن ھەربىيلەرگە خاس روھ ، قەيسەر ئىرادە، ئۆزىنى تەقدىم ئېتىش روھى چىقىپ تۇرىدۇ.

  شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، جۇڭ خۇاشياڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش سېپىدىكى سانسىز پېشقەدەم ئەسكەرلەرگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى بۇ يەرگە تەقدىم ئەتتى. بۇ ياشانغان كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى تەقدىم ئېتىش روھى كېيىنكى بىر ئەۋلادقا تەسىر كۆرسىتىپ، بىڭتۈەنلىكلەرنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولۇپ قالدى. جۇڭ خۇاشياڭنىڭ نەۋرىسى جۇڭ تېڭمېي مۇنداق دېدى: ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا كۆپ جاپا تارتىپ، قەدەممۇ قەدەم ئالغا ئىلگىرىلىدى. بىز ھازىر ناھايىتى بەختلىك تۇرمۇش كۆچۈرىۋاتىمىز. بىز مۇشۇ كۈنلىرىمىزنى ئوبدان قەدىرلىشىمىز كېرەك. بوۋام ئەنە شۇنداق ۋەتەنپەرۋەر. ئۇلار دېڭىز ئارمىيىسى ئەسكىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن دېڭىزدىن بۇ چەت- يىراق جايغا كېلىپ ئىشلەشنى تاللىدى. مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى تەسىرلەندىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر