باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى تاموژنا ئىدارىسى 9.56 توننا ئەتكەس قىلىنغان قوي- كالا گۆشىنى قولغا چۈشۈردى

2015.02.13 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تاموژنىدىن ئىگىلىشىچە، 5-فېۋرال قولغا چۈشۈرگەن 9.56 توننا كارانتىن قىلىنمىغان ئەتكەس قوي ـ كالا گۆشىگە رەسمىي دېلو تۇرغۇزۇلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، 30-يانۋار، ئالتاي تاموژنىسى ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش ئىدارىسى مەلۇم قىلغان يىپ ئۇچىغا ئاساسلىنىپ، پورتنىڭ چېگرىدىن چىقىش يولىدىن «چېگرىغا ئۈسۈپ كىرگەن» موڭغۇلىيەنىڭ يۈك ماشىنىسىنى 20 كىلومېتىردەك قوغلاش ئارقىلىق ، ماشىنىدىن ئەتكەس يول ئارقىلىق چېگرىدىن كىرگەن 9.54 توننا توڭلىتىلغان قوي كالا گۆشىنى ۋە بىر نەپەر موڭغۇلىيەلىك جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 1.12 توننا كالا گۆشى، 8.44 توننا قوي گۆشى بولۇپ، بۇ ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ 2015-يىلى تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن ئەتكەس قوي ـ كالا گۆشى دېلوسى شۇنداقلا 2014-يىلى 12-ئايدىن بۇيان « رايونىدىكى قوي ـ كالا گۆشى ئەتكەسچىلىك دېلولىرىغا مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتى» قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى دېلو.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر