باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قۇمۇل ۋىلايىتى چاغاننىڭ ئالدىدىكى ‹‹مەدەنىيەتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش›› پائالىيىتىنى جانلىق ئېلىپ باردى

2015.02.13 13:18         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى 11 – فېۋرال ‹‹مېنىڭ جۇڭگو ئارزۇيۇم مەدەنىيەتنى ئون مىڭلىغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش›› پائالىيىتى باشلىنىش ئالدىدا ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› تېمىسىدىكى 130 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق دېھقانلار رەسىمى كالېندارىنى بۇ ۋىلايەتتىكى دېھقان – چارۋىچى ئائىلىلىرىگە يەتكۈزۈپ بەردى.

  دېھقان رەسسام ئاتىكەم ئەمەت قۇمۇل شەھىرىنىڭ شەھەرئىچى يېزىسى جىگدەقۇدۇق كەنتىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ‹‹ئانا، مەن مەكتەپتە ئوقۇيمەن!›› ناملىق رەسىمى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› تېمىسىدىكى دېھقان رەسساملار مۇسابىقىسىدە ‹‹مۇنەۋۋەر ئەسەر›› بولۇپ باھالانغان. ئۇ بۇ رەسىمنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى باستۇرغان 2015 – يىللىق كالېندارغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: مەن رەسىم سىزىۋاتقىلى بەش يىل بولدى، بۇ قېتىم ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن دېھقان رەسساملار مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرغان بىر پارچە رەسىمىم ‹‹مۇنەۋۋەر ئەسەر›› بولۇپ باھالىنىپتۇ، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇش بولدۇم. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىمەن.

  قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غۇنچەم سەيدۇللا مۇنداق دېدى: قۇمۇل شەھىرىنىڭ شەھەرئىچى يېزىسى مەملىكەت بويىچە ‹‹دېھقان رەسساملار بازىسى››. بۇلتۇر ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› تېمىسىدىكى دېھقان رەسساملار مۇسابىقىسىگە قۇمۇل ۋىلايىتىدىن 60 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر قاتناشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئون پارچە رەسىم مۇكاپاتلاندى، بۇ رەسىملەرنى ئاساسەن شەھەرئىچى يېزىسىدىكى دېھقان رەسساملار سىزغان. بىز دېھقان رەسساملارنى ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› تېمىسىدىكى رەسىم سىزىش پائالىيىتىگە تەشكىللەشتە دېھقان – چارۋىچىلارنى ئەسەبىيلىكتىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئىلغار مەدەنىيەتكە يۈزلىنىپ، مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتىشقا يېتەكلەشنى مەقسەت قىلدۇق.

  ئىگىلىشىمچە، بۇ يىل يانۋارنىڭ ئاخىرىدا قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئورگانلاردىن كەنتكە چۈشكەن ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› تېمىسىدىكى دېھقانلار رەسىمى كالېندارىدىن 7293 پارچە تارقىتىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ قېتىم يەنە ھەممە دېھقان – چارۋىچى ئائىلىسىگە تولۇق تارقىتىپ بېرىش مەقسىتىدە 130 مىڭ پارچە كالېندار تارقاتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر