باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 217 مىڭ ئائىلىلىك چارۋىچى ئولتۇراقلاشتۇرۇلدى

2015.02.13 13:17         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 1 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق ئىدارىلىرى باشلىقلىرى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا 217 مىڭ ئائىلىلىك چارۋىچى ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان، 2008 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 275 مىڭ 600 ئائىلىلىك كۆچمەن چارۋىچى سانى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئولتۇراقلىشىش نىسبىتى %78.7 كە يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىرىنچى باسقۇچتىكى كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1996 – يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چارۋىچىلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 800 مىڭ بولۇپ، 2010 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا 1 مىليون 530 مىڭغا يەتكەن. ھازىرقى 700 مىليون مو ئوتلاقنىڭ يۈكى ئىلگىرىكىدىن بىر ھەسسىدىن ئارتۇق ئېشىپ كېتىپ، ئېشىپ كېتىش نىسبىتى %70 كە يەتكەن.

  چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى جاۋ شىنچۈن مۇنداق دېدى: چارۋىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تۇنجى كۈرىشى چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، يايلاقنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت.

  2008 – يىلى چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا رەسمىي كىرگۈزۈلۈپ، ‹‹كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى›› رەسمىي باشلىنىپ، ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىدىكى ئائىلىلەرگە ئوتتۇرىچە 60 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا تولۇقلىما بېرىلدى.

  2010 – يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز سەككىز يىلنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى باسقۇچ (2010 – يىلىدىن 2015 – يىلىغىچە) تا دۆلەتنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن 106 مىڭ ئائىلىلىك چارۋىچىنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش؛ ئىككىنچى باسقۇچ (2016 – يىلىدىن 2018 – يىلىغىچە) تا ئولتۇراقلاشتۇرۇلمىغان ۋە يېڭىدىن كۆپەيگەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش. ئەمەلىيەتتە ئاپتونوم رايونىمىز 2009 – يىلىدىن 2013 – يىلىغىچىلا 80 مىڭ 400 ئائىلىلىك چارۋىچىنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بولدى، بۇنىڭغا 7 مىليارد 227 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى. ئۇنىڭ ئىچىدە مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما 2 مىليارد 288 مىليون يۈەن، ئاپتونوم رايونىمىز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان يانداش سېلىنما 475 مىليون يۈەن، يەرلىكتىن ئاجرىتىلغان سېلىنما 3 مىليارد 42 مىليون يۈەن، باشقا مەبلەغلەر 1 مىليارد 422 مىليون يۈەن.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر