باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاغانلىق يولۇچى توشۇش سەپىرىدە، ئالدىنىپ قىلىشتىن ساقلىنىشتىكى «8 تۈرلۈك تەدبىر»

2015.02.11 13:23         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاغانلىق يولۇچى توشۇش باشلاندى، تۇنجى قېتىم يۇرتىغا قايتماقچى بولغان نۇرغۇن دېھقان ئىشلەمچى ۋە ساياھەتچى سەپەرگە چىقىش تەجرىبىسى بولمىغانلىقتىن ئوڭايلا ئالدىنىپ قالىدۇ. ساقچى تەرەپ ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ناۋادا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋاللارغا ئۇچرىسا، سوغۇققان بولۇپ، تۆمۈريول ساقچىلىرىغا، ۋوگزال ساقچىلىرىغا ياكى 110 ساقچى ئورنىغا تېلېفۇن بېرىپ ياردەم تەلەپ قىلسا بۇلىدۇ. تۆۋەندە چاغانلىق يولۇچى توشۇش سەپىرىدە، ئالدىنىپ قىلىشتىن ساقلىنىشتىكى «8 تۈرلۈك تەدبىر»نى تونۇشتۇرىمىز:

  1-، جىنايەتچىلەرنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، شەخسىي ئۇچۇرىنى خالىغانچە باشقىلارغا ئېيتماسلىق يەنى سەپەر جەريانىدا ئۆزىنى ئۆيىنىڭ ئادرىسى، تېلېفۇن نومۇرى ياكى يان تېلېفۇن نومۇرىنى ناتۇنۇش كىشىلەرگە ياكى سەپەر جەريانىدا يېڭى تونۇشقان يۇرتدىشىغا ئېيتماسلىق كېرەك.

  2-، ساختا پويىز بىلىتى سېتىۋېلىش ياكى بىلەت سېتىۋالىدىغان پۇلىنى باشقىلارنىڭ ئالداپ ئېلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ناتۇنۇش كىشىلەرنىڭ قولىدىن بىلەت سېتىۋالماسلىق كېرەك. تۆمۈريول بىلەت سېتىش كۆزنىكىدىن باشقا جايلاردا پويىز بىلىتى سېتىۋالماسلىق، تونۇمايدىغان كىشىلەرگە بىلەت ئالدۇرۇشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.

  3-، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بىلىتىنى باشقىلارنىڭ ئالماشتۇرىۋېتىشى ياكى ساختا بىلەت بېرىپ قۇيۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىلەتنى تونىمايدىغان كىشىلەرنىڭ پەرىقلەندۈرۈپ بېرىشىگە ياكى تۇتۇپ تۇرۇشىغا بەرمەسلىك كېرەك.

  4-، باشقىلارنىڭ بىلەت ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن پۇل بەرمەسلىك كېرەك. چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، ۋوگزالدا ئادەم كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن قالايمىقانچىلىقمۇ كۆپ بۇلىدۇ. ناتۇنۇش كىشىلەرنىڭ بىلەت سېتىۋالالايمەن دېگەن سۆزىگە ئىشەنمەسلىك، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ قۇلىغا پۇلنى تۇتقۇزۇپ بىلەت ئېلىپ بېرىشنى ئېيتماسلىق كېرەك. ئاتالمىش بۇ «ياخشى نىيەتلىك كىشى» ئالدامچى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.

  5-، باشقىلار بەرگەن نەرسىنى خالىغانچە يىمەسلىك كېرەك. بەزى قانۇننى كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەر ئالدىن مەست قىلىش بويۇملىرىنى تەييارلاپ، ۋوگزال ياكى پويىزغا ئېلىپ چىقىپ، نىشاننى تېپىپ بولغاندىن كېيىن، يۇرتداش ياكى سەپەرداش سالاھىيىتى بىلەن سىزنى قايماقتۇرۇپ، ئۆزىگە ئىشەندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، سىزگە بىر تال تاماكا تۇتۇپ ياكى بىرەر بوتۇلكا ئىچىملىك بېرىپ سىزنى مەست قىلىۋېتىدۇ. بۇ چاغدا بۇ ئاقكۆڭۈل يۇرتدىشىڭىز سىزنىڭ مال- دۇنيارىڭىزنى ئوغۇرلاپ كېتىشى مۇمكىن..

  6-، يان تېلېفۇنىڭىزنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىپ تۇرۇشىغا ھەرگىز بەرمەسلىكىڭىز كېرەك. يان تېلېفۇنىڭىزنى باشقىلارغا بەرسىڭىز، قارشى تەرەپ دائىم ساختا يان تېلېفۇننى سىزگە تۇتقۇزۇپ قويۇپ، ئىشەنچىڭىزگە ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن سىز دېققەت قىلمىغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ يان تېلېفۇنىڭىزنى ئېلىپ كېتىپ قالىدۇ.

  7-، «ئاسماندىن يامبۇ ياغسا» بۇنىڭغا ھەرگىز ئىشەنمەڭ، ئەگەر بىرەيلەن سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ھەميىنىنى چۈشۈرۈپ قويسا ھەرگىز كۆز قارچۇقىڭىزنى سالماڭ ھەم ئالماڭ. بۇنىڭ %80، %90ى ئالدامچىلىق. بۇنداق ئەھۋاللاردا، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ.

  8. باشقىلارنىڭ ھىساباتىغا پۇل پىرىۋوت قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. دائىم سىرتتا يۈرۈيدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق - توققانلىرى ياكى ئائىلە ئەزەلىرى دوختۇرخانىدىن بەرگەن تېلېفۇن ياكى ئۇچۇر دېگەندەك تېلېفۇن ياكى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىدۇ، ئۇنىڭدا شۇ كىشىنىڭ تۇققىنىنىڭ تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ قالغانلىقى ياكى تاسادىپىي ھادىسىگە ئۇچراپ دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزىلىۋاتقانلىقى، ئائىلىسىدىكىلەر دەرھال مەلۇم بانكا ھىساباتىغا پۇل ئەۋەتىش كېرەكلىكى يېزىلىدۇ. بۇنداق چاغلاردا بەزىلەر ئالدى - كەينىنى ئويلاپ ئولتۇرمايلا پۇلنى باشقىلارنىڭ ھىسابات نۇمۇرىغا ئۇرۇپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇمۇ بىر ئالدامچىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر