باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «تارىختىكى ئەڭ ئۇزۇن قىشلىق تەتىل»نى كۈتىۋالدى

2015.02.09 11:14         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل چاغان نىسبەتەن كېچىكىپ كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «تارىختىكى ئەڭ ئۇزۇن قىشلىق تەتىل»نى كۈتىۋالدى. بالىلار بۇ تەتىلنى قانداق ئۆتكۈزۈشى كېرەك؟ تۈرلۈك كۇرسلارغا قاتنىشىشى كېرەكمۇ ياكى كۈندە كومپيوتېر ۋە تېلىۋىزورنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىشى كېرەكمۇ؟ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پىدائىيلار پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، بالىلارنى تۈرلۈك پەن- تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، كۆڭۈل ئېچىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

  قىشلىق تەتىلدە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق غەربىي يولى مەھەللىسى ئۆز تەۋەلىكىدىكى بالىلارنى تەشكىللەپ ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا سارىيىغا بېرىپ، بالىلارنى «مۇزىيىدىكى سىرلىق سەپەر» پائالىيىتىگە قاتناشتۇردى. «ئاجايىپ مىكرو جانلىقلار» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىدە، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى مۇنەۋۋەر بويۇملار، « ئادەم تېنى ئۈستىدە ئىزدىنىش» قۇراشتۇرۇش مۇسابىقىسى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار تەتىللىك تۇرمۇشىغا يېڭىچە تۈس ئاتا قىلدى.

  قىشلىق تەتىل باشلانغاندىن كېيىن، بورتالا شەھىرىدىكى ھەر قايسى مەھەللە ۋە يېزا- بازارلار مەزمۇنى مول، رەڭدار بولغان قىشلىق لاگىر پائاليىتىنى قانات يايدۇردى. مۇشۇ ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بورتالا شەھىرىنىڭ ئارالتوقاي چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ ئىككىسۇ كەنتى مەدەنىيەت ئۆيىدە شادلىققا تولغان مۇزىكا ۋە قىزغىن ئالقىش سادالىرى ھەممە يەرنى قاپلىدى. قىشلىق لاگىر پائاليىتىگە قاتناشقان 13 بالا ئاتا- ئانىلارغا ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ بېرىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى كەنتتىكى يۇرتىغا قايتقان ستودېنت پىدائىيلار ئەتراپلىق تەييارلاپ بەرگەن ئىدى. تاجىنۇر مۇنداق دېدى: مۇئەللىم بىزگە ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش يەنە يۇمۇر سۆزلەشنى ئۆگەتتى. بىز بۇ يەردە كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدۇق. بىز مۇئەللىمنىڭ بىزگە تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۈگىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  مۇشۇ ئاينىڭ 5- كۈنى، قابا ناھىيىسىنىڭ جايىلما يېزىسى تالدى كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتى ئىشخانىسىدا، 30 نەچچە بالا كەنتتىكى ستودېنت بۇرلىزخانغا ئەگىشىپ ئىنگىلىزچە ئۆگەندى. بۇرلىزخان مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم كونسۇلتاتسىيە كۇرسى ئويۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىنگىلىزچىغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىماقچى، مەن ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىلاردىن بولۇپ چىقىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن. ھەقسىز ئىنگىلىزچە كۇرسنىڭ ئېچىلىشى بىلەن، ھەر يىلى قىشلىق تەتىلدە ئويناپ يۈرۈيدىغان بالىلارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ رەڭدار تۈسكە كىردى. ئاياقۇز ئىسىملىك ئوقۇغۇچى مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئىنگىلىزچىنى پەقەتلا ئۆگىنىپ باقمىغان ئىدىم. بۇ يەردە ئىلگىرى ئۆگەنمىگەن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. ھازىر مەن ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئىنگىلىزچە پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدۇم. كەلگۈسىدە، ئوقۇتقۇچۇمغا ئوخشاش ياخشى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ، ئۆزەمنىڭ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر