- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


باركۆل ناھىيەسىنىڭ خۇاڭتۇچاڭ تەرەققىيات رايونى خىيئونخۇتۇك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «تۆت ئايال» دىن تەشكىللەنگەن خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنت ئاھالىلىرىگە كۆپلەپ ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بەردى
2015.02.09 11:09 مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى
باركۆل ناھىيەسىنىڭ خۇاڭتۇچاڭ تەرەققىيات رايونى خىيئونخۇتۇك كەنتىدە «تۆت ئايال» دىن تەشكىللەنگەن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى بار. ئۇلار كەنتتە تۇرۇپ خىزمەت ئىشلىگەن بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەت ئورناتتى. يەنە 20 كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ كەنتتە تۇرۇپ خىزمەت ئىشلەش ۋاقتى ئاياغلىشىدۇ. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۇلاردىن ئايرىلىشقا كۆز قىيمايۋاتقان ئىدى.
خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ياتىقىدا قازاق كەنت ئاھالىسى ئاسماخان خىزمەت گۇرۇپپىسنىڭ باشلىقى جاڭ شياۋخۇڭنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئايرىلغۇسى يوقلۇقىنى ئېيتىۋاتقان ئىدى.
مۇخبىر ئۇنىڭدىن: «سىزنىڭ نىمە ئۈچۈن جاڭ شياۋخۇڭدىن ئايرىلىشقا كۆزىڭىز قىيمايدۇ؟» دەپ سورىغاندا، كەنت ئاھالىسى ئاسماخان: «ئۇلار بىزگە كۆپ ياردەم بەردى» دېدى. 44 ياشلىق ئاسماخاننىڭ پۇتى مىيىپ بولۇپ قالغان ئىدى. يولدىشى بالدۇرلا ئۇنىڭدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۈچ بالىنى بېقىپ چوڭ قىلدى. بۇ جەرياندا ئۇ كۆپ چاپا تارتتى، ھال ئوقىتىمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى. بۇلتۇر 3- ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، باركۆل ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت تارمىقىدىن جاڭ شياۋخۇڭ، كۈلەن، تۇرسۇنگۈل ۋە گۈلباقاي 4 ئايال خىيئونخۇتۇك كەنتگە كېلىپ، كەنتتە تۇرۇپ خىزمەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار ئۆي- ئۆيلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش داۋامىدا ئاسماخاننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ، دائىم ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنىڭغا ياردەم بەردى. 5- ئايدا، ئاسماخان دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈش ئارقىلىق، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلاندى. «تۆت ئايال» بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرخانىنى ئالاقىلىشىپ، ئۇنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ داۋالىتىش رەسمىيەتلىرىنى بىجىردى. داۋالاش پۇلى بەك يۇقىرى بولغانلىقتىن، جاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىق 4 ئايال ئۆزلىرى پۇل ئىئانە قىلىپلا قالماستىن يەنە ئۆزلىرىنى ئەۋەتكەن ئىدارە ئورۇنلار شۇنداقلا خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 54 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ جۇغلاپ، ئۇنىڭ ئوپىراتسىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلىشقا تۈرتكە بولدى. ئاسماخان ئوپىراتىسيەنى قىلدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بەدىنى ئىنتايىن ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى. «تۆت ئايال» ئۇنىڭغا ھەر كۈنى ئىسسىق تاماق ئەكىلىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى يەنە ئاسماخاننىڭ خىمىيەلىك داۋالىنىشتا چىچى چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ بېشىغا چىرايلىق ياغلىقتىن بىرنى ئېلىپ چىگىپ قويدى. بۇ تۆت ئاچا- سىڭىلنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالسىلا، كېسەل ئازابىدىمۇ يىغلىمىغان ئاسماخان ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كېتەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۇلار بولمىغان بولسا، مېنىڭ ھاياتىممۇ ئاخىرلىشىپ قالاتتى، ھازىر خىمىيىلىك داۋالاش قىلىۋاتىمەن. ئۇلار ماڭا قىلىدىغان ياردىمىنى ئۈزۈپ قويمىدى. ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان بۇ ياخشىلىقلىرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن.
ئاسماخانغا ئوخشاش، «تۆت ئايال» كەنتتىكى ياردەمگە مۇھتاج ھەر قانداق كىشىگە ياردەم قۇلىنى ئۇزارتتى. مەكتەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، بالىلارنىڭ مەكتەپ ئاپتوموبىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. نامرات بالىلارغا ئوقۇش قۇراللىرى سېتىۋالدى، كېسىلى ئېغىر زىياخان ئانىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، ناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرلىرىنى كەنتكە كېلىپ خالىس كىسەل كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى. ھەر قېتىم چوڭ- كىچىك ھېيت- بايراملاردا «تۆت ئايال» يەنە ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرىنى باشلاپ كېلىپ كەنت ئاھالىلىرىگە ئويۇن قويدۇرۇپ بەردى. ئۇلارنىڭ ياردىمىدە كەنتتە تۇنجى قازاق مىللىتىنىڭ مەيداندا ئويۇن قۇيۇش ئەترىتى قۇرۇلۇپ، ئامما ئۆزى تەييارلاپ ئۆزلىرى ئۇرۇندىغان تۇنجى مەيدان سەنئەت كېچىلىكىنى قويدى، يەنە ئۇلارنىڭ ياردىمىدە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچلىرىنىڭ دەرستىن سىرتقى قوش تىل بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىلدى. كەنتتىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەن كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ كادىرى خو شيەن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كەنتتە بۇنداق كۆپ ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيەتلىرى ئويۇشتۇرۇلمايتتى، كەنت ئاھالىلىرى ئۇلارنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. ئايالىم كۈندە ئويدە ئولتۇراتتى، ھازىر مەيدانغا چىقىپ بەدەن چېنىقتۇرغاچ ئوسسۇل ئوينايدىغان بولدى. دېمەك ئۇنىڭ كۈنى شۇنداق كۆڭۈللۈك ئۆتىۋاتىدۇ. ياشلارمۇ ئۇلار تەشكىللىگەن پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار بىزگە خوشاللىق ئېلىپ كەلگەچكە ئۇلاردىن ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيماۋاتىدۇ.
كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزلىرىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايۋاتقانلىقىنى كۆرگەن گۇرۇپپا باشلىقى جاڭ شياۋخۇڭ ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىدىكى كۇلەن كەنتتە يەنە بىر يىل قېلىپ ئىشلەشنى قارار قىلدى. جاڭ شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: كەنتتە بىز قىلىدىغان يەنە نۇرغۇن ئىشلار بار، بۇ ئىشلارنى قىلماي تۇرۇپ بىزنىڭمۇ كەتكىمىز كەلمىدى. ئائىلىمىزدىكىلەرمۇ بىزنى قوللاۋاتىدۇ. يول شۇنداق ئەگرى- بۈگرى، ئىگىز- پەس، يوللارنى رېمونت قىلىشىمىز كېرەك. بۇ ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن، ئاندىن كەتسەكمۇ بۇلىدۇ. بىز ئىشنى باش باھاردا باشلىماقچى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
ئالاقىدار خەۋەرلەر