باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلارنىڭ چاغالىق يولۇچى توشۇش ئەھۋالى

2015.02.05 11:09         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدا ئەھۋال قانداق بولدى؟ ئاۋۋال جەنۇبىي شىنجاڭغا نەزەر تاشلاپ باقايلى. بۇ يىل، لەنجۇ- شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى بىلەن تۇرپان- كورلا تۆمۈر يولى 2- لىنىيەسىدە قاتناش باشلىنىشى بىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت يولۇچىلارنىڭ قاتنىشى تېخىمۇ قولايلىقلاشتى. مارالبېشىلىق يولۇچى جاڭ خۇا مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ قاتنىشى بىلەن، بىزنىڭ ئىچكىرى بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز تەدرىجىي يېقىنلاپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. بولۇپمۇ تۇرپان- كورلا تۆمۈريولى 2- لىنىيەسىدە قاتناش باشلىنىشى مۇساپىنى 8 سائەتكە يېقىن قىسقارتتى.

  چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىدە، مارالبېشى ۋوگزالىدا كىرىپ- چىققان يولۇچى مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىنلىشىپ، يولۇچىلار قاتنىشى بىر قەدەر مۇقىم بولۇپ، بېسىق مەزگىل كۆرۈلمىدى.

  قاتناش قولايلاشتى، جايلاردىكى ۋوگزاللارمۇ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىش سەپىرىنى ئىللىقلىققا چۈمدۈردى. شەرقىي شىنجاڭدىكى قۇمۇل ۋوگزالىدا، 10 نەچچە ئىتتىپاق ئەزاسى، ياشلاردىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى پويىز كۈتۈش زالىدا ئورۇندۇقلارنى رەتلىدى، نەق مەيداندا «بەخت» دېگەن خەتنى يېزىپ، يولۇچىلارغا بەخت تىلىدى. يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ لىجياڭدىن كەلگەن يولۇچى ۋۇ يۇ «بەخت» دېگەن خەتنى قولىغا ئېلىپ بەكمۇ خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: سىرتتا ئىشلەۋاتقىنىمغا بىر يىل بولغان، بۇ يىل ئۆيگە قايتىپ چاغاننى ئۆتكۈزمەكچى بولدۇم، بۇ بەخت دېگەن خەتنى ئېلىپ كېتىپ، ئاتا- ئانامغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ سالامەت بولۇشىنى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى تىلەيمەن.

  ئۈرۈمچى ۋوگزالى، يولۇچىلار بېكەتلىرى، ئايرۇدرومدا، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى تور تاشقى تەشۋىقات پائالىيىتى «يەكەن دەرياسىدىن سىزگە سالام» تېمىسىدىكى چاغانلىق بەخت تىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان خىزمەتچىلەر شىنجاڭنىڭ چىلىنى، بادىمى ۋە بەخت تىلىكىنى يۇرتقا قايتىش سەپىرىگە ئاتلانغان يولۇچىلارغا ھەدىيە قىلدى. يولۇچىلار بەخت سوۋغىسىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن: چاغىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىپ قۇدرەت تېپىشىنى تىلەيمىز، دېيىشتى. *چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، قاتناش بىخەتەرلىكىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. تۈنۈگۈن ، كۇچا ناھىيەسىدىكى قاتناش ساقچى تارماقلىرى تۈرلۈك قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلاردىن 21 نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. ئۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا سۈرئەتنى چەكتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش قىلمىشىدىن 12 سى بار.

  ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، يېقىنقى 5 يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 330 قېتىم قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 132 ئادەم قازا قىلىپ، پۈتۈن يىللىق قاتناش ۋەقەلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ 7 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تارماق ئەترىتى ئولامباي چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەي ۋېي چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە شوپۇرلارنىڭ ھېرىپ- چارچىغاندا قەتئىي ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىكىنى، ئىمكان قەدەر كۈندۈزى يول يۈرۈشىنى، ناچار ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، مەدەنىي، بىخەتەر يول يۈرۈشىنى، يولۇچىلارنىڭ چوقۇم بىزىندە تاقىشىنى ئەسكەرتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر