- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رايون ئىچى-سىرتىغا قاتنايدىغان ھەر قايسى ئاۋىئاتسىيە لىنىيەلىرىدە بېلەت يېتەرلىك
2015.02.05 11:07 مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى
چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتىنىڭ تۇنجى كۈنىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رايون ئىچى- رايون سىرتىغا قاتنايدىغان ھەر قايسى ئاۋىئاتسىيە لىنىيەلىرىدە بېلەت يېتەرلىك بولۇپ، باھا ئارزاق ئۆرلىدى.
تۈنۈگۈن ئەتىگەن سائەت 6 دىن 18 مىنوت ئۆتكەندە، جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ CZ6839 نۆۋەتچى ئايرۇپىلانىنىڭ ئايرۇدرومدىن ئۇچىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق ئاۋىئاتسىيەدىكى 2015- يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى. ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرۇدرومىنىڭ T2، T3 بىناسىدا، مۇخبىر ھەر قايسى ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان پۈكەيلىرىنىڭ دېگۈدەك ئېچىۋېتىلگەنلىكى، 60 تىن كۆپرەك ئاپتوماتىك بېلەت سېتىۋېلىش ئۈسكۈنىسىنىڭمۇ ھەممىسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردى. شىنجاڭ ئايرۇدروم گۇرۇھىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، تۈنۈگۈن ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرۇدرومىغا قونغان- ئۇچقان نۆۋەتچى ئايرۇپىلان 418 گە يېتىپ، مۇشۇ ئاينىڭ 3- كۈنىدىكىدىن 25 نۆۋەتچى ئايرۇپىلان كۆپ بولغان. شىنجاڭ ئايرۇدروم گۇرۇھى ئايرۇپىلان كۈتۈش بىناسىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى جۇ فېڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتىنىڭ تۇنجى كۈنىدە، يولۇچىلار ئانچە كۆپ بولمىدى، باھا سەل ئۆرلىدى. مۇشۇ ئاينىڭ 15-، 16- كۈنلىرى يولۇچىلارنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدۇق.
چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خەلق ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ يولۇچىلارنى توشۇش مىقدارىنىڭ 2 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچىدىن گۇاڭجۇ، خاڭجۇ، سەنيا قاتارلىق جايلارغا ئۇچىدىغان ئاۋىئاتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ بېلەت باھاسى سىجىل يۇقىرى بولۇش ھالىتىدە تۇرغان. جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى بازار بۆلۈمىنىڭ باشقۇرغۇچىسى جياۋ يەن مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچىدىن جېڭجۇ، سەنيا، چېڭدۇغا ئۇچىدىغان لىنىيەلەردە بېلەت بىر قەدەر قىس بولۇۋاتىدۇ، سەنياغا ئۇچىدىغان لىنىيەدە بېلەت باھاسى پۈتۈن باھا ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، قالغان لىنىيەلەردە بېلەت باھاسى ئاساسەن 30 پىرسەنت، 20 پىرسەنت چۈشۈرۈلۈپ سېتىلىۋاتىدۇ. شىنجاڭ ئىچىدە قاتنايدىغان ئاۋىئاتسىيە لىنىيەلىرىدە بېلەت باھاسى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇۋاتىدۇ. چاغاننىڭ 3- كۈنىدىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە ئايرۇپىلاندا ئولتۇرىدىغانلار كۆپىيىپ، زور بېسىم چۈشۈشى مۇمكىن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
ئالاقىدار خەۋەرلەر