باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹تۆت خاھىش›› نى تۈزىتىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرايلى

ئاپتونوم رايونلۇق 8–نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

2015.02.05 08:37         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىستىل مەسىلىسى قارىماققا كىچىك ئىشتەك تۇيۇلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە چوڭ ئىش. بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن›› ئالاھىدە مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقان شىنجاڭدا، خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەشتە، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش تېخىمۇ مۇھىم. ئۇنداق بولمايدىكەن، پارتىيە ھەر مىللەت ئاممىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك كۈرەش نىشانىغا يېتىشكە يېتەكلىيەلمەي قالىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىستىل قۇرۇلۇشىغا باشتىن – ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىش، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بەلگىلىمىنى كەسكىن تەدبىر، قەتئىي پوزىتسىيە ۋە ‹‹مىخ مىخلاش›› روھى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈردى. ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ‹‹داستىخاندىكى ئىسراپچىلىق››، ‹‹ئاپتوموبىلدىكى ھەشەمەتچىلىك››، ‹‹قائىدە – يوسۇندىكى چىرىكلىشىش››نى چىڭ نىشانلاپ، بىر ھالقا، بىر ھالقىدىن تۇتۇپ، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلاپ، تەرتىپلىك ئىلگىرىلەپ، ‹‹تۆت خاھىش››نى تۈزىتىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، دەپ قارىغان ناچار كەيپىياتنى تىزگىنلەپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئومۇملۇق ۋە شەخس قارىشى، ھەق – ناھەق قارىشى، ئادالەت ۋە مەنپەئەت قارىشىنى يەنىمۇ توغرىلاپ، پارتىيە ئىستىلى ۋە سىياسىي ئىستىلنى يەنىمۇ ياخشىلىدى.

  بىز نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، ھازىر ئىستىل قۇرۇلۇشىدا پەقەت ‹‹جۈرئەت قىلالماسلىق›› كەيپىياتى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلدى. دەرەخ ئۆرۈلسە يىلتىزى قالىدۇ، ‹‹قىلالمايدىغان››، ‹‹ئويلىمايدىغان›› بولۇش نىشانىدىن بىز تېخى يىراق. يۇقىرى بېسىم ھالىتىدە ‹‹تۆت خاھىش›› تېخىمۇ يوشۇرۇن بولىدۇ. بەزى رەھبىرىي كادىرلار ئارامگاھلارغا، تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە بېكىنىۋېلىپ، چوڭ يەپ چوڭ ئىچىۋاتىدۇ، بەزىلىرى قاراشلىق ئورۇن ياكى خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ خوجايىنلىرىغا ئۆزلىرى ئۈچۈن يۇقىرى ئىستېماللىق ئويۇن – تاماشا سورۇنى ھازىرلاتقۇزۇۋاتىدۇ، بەزىلىرى كۆرۈنۈشتە توي – تۆكۈنلەردە مېھمان چاقىرمىسىمۇ، ئاستىرتىن سوۋغات قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. شامالغا قارشى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلمىشلار يەنىلا يۈز بېرىۋاتىدۇ.

  ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسىدە ئۆگەنگەن خۇي چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن بولۇپ، ئېنىرتسىيەچانلىققا ئىگە. چىڭ تۇتقاندا ئۈنۈم بېرىپ، بوش قويۇۋاتسىلا ئەسلىگە قايتىدۇ. شۇجى جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹تۆت خاھىش››نى تۈزىتىشتە چېكىنىشكە بولمايدۇ، چېكىنسەكمۇ قەتئىي بولمايدۇ، ئۇزاققىچە چىڭ تۇتۇش چىدامچانلىقى ۋە سەۋرچانلىقىنى قەتئىي ساقلاپ، چىڭ تۇرۇش داۋامىدا قەتئىي نورماللاشتۇرۇپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىدىن ئۇزاق ئۈنۈمگە ئېرىشىش كېرەك.

  ئىستىلنى ياخشىلاش ھالقىلىق پەيتكە كەلدى. كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى مەسىلىنىڭ كەينىگە يېنىشى، ئۈمىد قىلىدىغىنى ئۇزاق ئۈنۈمنى ساقلاش. دائىم تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش، ئۇزاققىچە تۇتۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇش، گاھى چىڭ تۇتۇپ، گاھى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق، ئۈچ قەدەم ئىلگىرىلەپ، ئىككى قەدەم چېكىنمەسلىك كېرەك.

  ئىستىل تۈزىتىشتە چوقۇم ئىنتىزامنى چىڭىتىشتا، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتا چوقۇم قاتتىق بولۇش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىشنى بۇ يىلقى ئىنتىزام تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئىنتىزامدا چارە كۆرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش كېرەك. ئىنتىزام ئىجراسىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ، 18 – قۇرۇلتايدىن كېيىن، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغان ۋە ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا شامالغا قارشى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسى تۈگىمىگەن، تەكرار يۈز بەرگەن جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىكى پارتكوم، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت خاھىش››نى تۈزىتىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىدا داۋاملاشتۇرۇپ، ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ياخشى ئىشلەپ، ياخشى نەتىجە يارىتىش كېرەك. ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسىنىڭ يېڭى شەكلى، يېڭى يۈزلىنىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئومۇمنىڭ پۇلىغا يەپ – ئىچىش، ساياھەت قىلىش ۋە سوۋغات بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. مەركەزنىڭ قەتئىي تېجەشلىك بولۇش، ھۆكۈمەت پۇلىغا كۈتۈۋېلىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش، يىغىن، تەربىيەلەش قاتارلىق بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت خاھىش››نىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىگە قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك.

  پارتىيە ئىستىلى دۇرۇس بولسا، خەلق ئىستىلى ياخشىلىنىدۇ. ئېسىل پارتىيە ئىستىلى ۋە سىياسىي ئىستىل ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىستىل، خەلق ئىستىلىغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ساغلام، دۇرۇس، كۈچلۈك سىياسىي ئېكولوگىيەنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي، ئىلگىرىلەيدىغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر