باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«سوقماق شاھى» 2014-يىللىق «يېزا، يېزا ئىگىلىك، دېھقانلار» خىزمىتىدىكى نەمۇنىلىك شەخسىلەر قاتارىغا كىردى

2015.01.30 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-يانۋار، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2014-يىللىق «يېزا، يېزا ئىگىلىك، دېھقانلار»خىزمىتىدىكى نەمۇنىلىك شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا، 13 نەپەر يىللىق نەمۇنىلىك شەخسنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى. «سوقماق شاھى» ئادىل مەمەتتۇراق 2014-يىلى لۇديەندە يەر تەۋرەپ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا 10 توننا شىنجاڭ سوقمىقى ئىئانە قىلغانلىقتىن، نەمۇنىلىك شەخسىلەر قاتارىغا كىردى.

  29-يانۋار، چاڭشادا تۇرۇشلۇق ئادىل نورمال تۇرمۇشىنى باشلىغان ئىدى، بۇ شەرەپكە نائىل بولغان ئادىل تېلېفوندا ناھايىتى خىجىلچانلىق بىلەن: «بۇ ئەسلى كىچىكلا بىر ئىش، مەن پەقەت كۆڭلۈمنى بىلدۈرەيلا دېگەن» دېدى.

  2014-يىلى 3-ئاۋغۇست، يۈننەن لۇديەندە 6.5 بال تەۋرىگەندە 24 ياشلىق ئادىل ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ يېمەك ـ ئىچمەكتە قىينىلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى «ئىچى ئاغرىغان». خۇنەن چاڭشادا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىگىلىك تىكلىۋالغان ئادىل ئىككى خەنزۇ ساۋاقدىشى بىلەن بىرلىشىپ مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا سوقماق ئىئانە قىلغان.

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2014-يىللىق «يېزا، يېزا ئىگىلىك، دېھقانلار» خىزمىتىدىكى نەمۇنىچىلارنى باھالاش پائالىيىتى « يېزا، يېزا ئىگىلىك، دېھقانلار خىزمىتىدىكى نەمۇنىچىلارنى ئىزدەش، جۇڭگو ئارزۇسىغا ئىنتىلىش»نى ئاساسىي تېما قىلغان ، تاللاشقا كىرگەن شەخسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان تىپلار. شۇ كۈنى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەردىن يەنە ئىككى قولى بىلەن بىنادىن چۈشۈپ كەتكەن ياشانغان كىشىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان «ئۈچ قېرىنداش» جيا شاۋيۈ، ليۇ شىنجۈن، ياڭ مىڭ؛ ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىلەش باشلامچىسى،2 مىڭ نەپەر دېھقان ئۈچۈن 10 مىليون يۈەندەك كىرىم ئىلىپ كەلگەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى تور دۇكاندارى جاۋ خەيلىڭ قاتارلىق 12 كىشى بار.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر