- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


قار - مۇز ساياھەتچىلىرى ئالدىنقى ئايدىكىدىن% 30 ئاشتى
2015.01.30 13:48 مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
يېقىندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قار - مۇز ئاساسىي تېما قىلىنغان پائالىيەتلەر ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى تەتىلگە قويۇپ بەرگەنلىكتىن، ھەر قايسى قار - مۇز مەيدانلىرى كۆپلىگەن ياشلارنى كۈتۈۋالدى. مۇخبىرنىڭ ساياھەت كوپېراتىپى ۋە قار - مۇز مەيدانلىرىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئايدا ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 30% ئەتراپىدا ئاشقان.
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرى 2014- يىلى كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەر 2010- يىلىدىكى 800 مىڭ ئادەمدىن ئېشىپ 1 مىليون 200 مىڭغا يەتكەن. قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ئومۇملىشىشى باشقا كەسىپلەرنىڭ تەڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر