باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاش كېرەك

2015.01.30 13:46         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئاپتونوم رايون بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە–تېلېفون يىغىنى ئاچتى
   لى شىڭ، جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 28 - يانۋار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن. جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، ‹‹بىر ئىش ئورنى، ئىككى مەسئۇلىيەت››نى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قىزىل سىزىقىنى مەھكەم ساقلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم، ياخشى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.
   شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، شۇنى ئېنىق كۆرۈشىمىز كېرەككى، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن خەۋپى يەنىلا گەۋدىلىك، بەزى كارخانىلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېڭى دېگەندەك كۈچلۈك ئەمەس، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئاجىز، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت يەنىلا كەسكىن بولۇپ، بىخۇدلۇق ۋە بىپەرۋالىق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ‹‹بىر ئىش ئورنى، ئىككى مەسئۇلىيەت››تە چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىشى، كارخانىلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، تەسىرى يامان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى ياكى ھادىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلماسلىقتىن ئوپچە ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، قەتئىي يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىقى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، چوڭ يوشۇرۇن خەۋپنى تىزگىنلەش، چوڭ ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى››نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش ۋە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپلەر، رايونلار ۋە ساھەلەردە مەخسۇس تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى قەتئىي تىزگىنلەش كېرەك.
   شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە كىردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىيىتى پەۋقۇلئاددە كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولۇۋاتىدۇ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسى تېخىمۇ مۈشكۈل، مەسئۇلىيەت تېخىمۇ ئېغىر. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىنى ئىزچىل پۇختىلاپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشقا كۈچەش كېرەك. ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىنى پۇختىلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قانۇن - تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. بىخەتەرلىك مەدەنىيىتى ئارقىلىق بىخەتەر كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تەشۋىق - تەربىيە ئارقىلىق تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە قويۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كەيپىياتى يارىتىش كېرەك.
   چاغانغا ئاز قالدى، مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. شۆھرەت زاكىر جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە ئېغىر ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاممىنىڭ چاغاننى خۇشال، ياخشى ۋە تىنچ ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
   ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن خۇاڭ ۋېي، غانىبات سابۇكەي، جۇ چاڭجيې، مۇتەللىپ قاسىم، تيەن جيەنرۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر