باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋالغانلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش يېڭى سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ

2015.01.30 13:35         مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىلدىن باشلاپ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋالغانلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش يېڭى سىياسىتىنى يولغا قويىدىكەن، يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇش، يەر تۈزلەش مەشغۇلاتى ياردەم پۇلى بېرىش تۇنجى قېتىم سىناق قىلىنىدىكەن.

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بۇ يىلدىن باشلاپ مەركەز مالىيەسىدىن ئاشلىق، كېۋەز قاتارلىق ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى پۈتۈن جەريان بويىچە ماشىنىلاشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ۋە ئۇنىڭ چاتما سايمانلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلىدىكەن، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ۋە ئۇنىڭ چاتما سايمانلىرى 11 چوڭ تۈر، 43 كىچىك تۈر بويىچە 137 خىل دەپ بېكىتىلگەن ئىكەن. مەركەز مالىيەسىدىن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلىدىغان ھەممىباب يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ۋە ئۇنىڭ چاتما سايمانلىرى ئەسلىدىكى 20 نەچچىدىن 80 نەچچىگە كۆپەيتىلگەن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر