باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالتاي ۋىلايىتى ياۋايى ھايۋانلار يۆتكىلىش كارىدورى بەرپا قىلماقچى

2015.01.30 13:34         مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو - موڭغۇلىيە چېگراسىغا سىم تور تارتىلغانلىقتىن، شۇ ئەتراپتىكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغانىدى. ئالتاي تېغى ئىككى دەريا تەبىئىيلىكى قوغدىلىغان رايونى بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ بايانولگىي ئۆلكىسى بۇنى نەزەردە تۇتۇپ، ئېكولوگىيەلىك كارىدورنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ چېگرا ھالقىشىغا قولايلىق يارىتىشنى پىلانلىدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون ئەتراپىدا قويۇلغان سىم تور بىر قىسىم ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ يۆتكىلىش دائىرىسىنى بەلگىلىك چەكلەپ قويغان. ھەر يىلى ئەتىيازدا بىر قىسىم ياۋايى ھايۋانلارنىڭ يۆتكىلىپ ئوزۇقلۇق تېپىش لىنىيەسى ئۈزۈۋېتىلگەنلىكتىن، كۆپ قىسىم ئوتخور ھايۋانلار سىم تور ئەتراپىدا ئۆلۈپ كەتكەن.

  ياۋايى ھايۋانلارنىڭ يۆتكىلىش كارىدورى ياسالسا، ياۋايى ھايۋانلار چېگرا چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، كۆپىيىشىدە ناھايىتى ياخشى رول ئوينايدىغانلىقتىن، ياۋايى ھايۋانلارغا ئاتاپ كارىدور بەرپا قىلىش پىلانلانغان.

  ئالتاي تېغى ئىككى دەريا مەنبەسى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا 54 خىل ياۋايى ھايۋانات، 222 خىل قۇش تۈرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قاپلان، قۇندۇز قاتارلىق دۆلەت تەرىپىدىن 1- دەرىجىدە قوغدىلىدىغان ھايۋانلارمۇ بار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر