باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۈچ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا 1–فېۋرالدىن باشلاپ رەسمىي ھەق ئېلىنىدۇ

2015.01.27 14:25         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گۈلمىرە مۇھەممەدنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، تاقىرتاغ – گۇچۇڭ، گۇچۇڭ – مورى ۋە چىپارتاغ – تاقىرتاغدىن ئىبارەت ئۈچ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا 1 – فېۋرالدىن باشلاپ رەسمىي ھەق ئېلىنىدىكەن.

  ئۇقۇشىمچە، تاقىرتاغ – گۇچۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بۆلىكىدىكى ئالتە ئورۇندا، گۇچۇڭ – مورى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بۆلىكىدىكى تۆت ئورۇندا، چىپارتاغ – تاقىرتاغ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بۆلىكىدىكى تۆت ئورۇندا ھەق ئېلىش پونكىتى تەسىس قىلىنىدىكەن.

  تاقىرتاغ – گۇچۇڭ، گۇچۇڭ – مورى، چىپارتاغ – تاقىرتاغ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىكى ئاساسىي ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردىكى ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈش ھەققىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە تەستىقىي جاۋاب››قا ئاساسەن، ئاپتوموبىللارنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىگە قاراپ بەلگىلىنىدىكەن.

  ئاپتوموبىللاردىن يىغىلغان يول يۈرۈش ھەققى مالىيە تارماقلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەت خاراكتېرىدىكى مەبلەغ باشقۇرۇشقا تاپشۇرۇلۇپ، مەخسۇس تاشيول قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئېلىنغان قەرز پۇلنى قايتۇرۇش ۋە يول ئاسراش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر