باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 4-قېتىم يىغىن ئۆتكۈزدى

2015.01.27 13:47         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 23 - يانۋار چۈشتىن كېيىن 4 - قېتىم يىغىن ئۆتكۈزدى.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن نەيىم ياسىن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، جاپپار ھەبىبۇللا، ما مىڭچېڭ، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىققانلىقى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىپ، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ لايىھەسىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ ماقۇللاندى، ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان سەككىز تۈرلۈك تەكلىپ لايىھە يىغىننىڭ تەكلىپ لايىھەسى قىلىپ بېكىتىلدى. قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ كېڭىشىش ئارقىلىق ھەيئەت رىياسىتى كۆرسەتكەن نامزاتلار ۋە ۋەكىللەر بىرلىشىپ كۆرسەتكەن نامزاتلار توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ رەسمىي نامزاتلىرى بېكىتىلدى، سايلىنىدىغان نامزاتلار قارار قىلىندى، ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇش تەكلىپى بېرىلدى. يىغىندا باش بېلەت نازارەتچىسى ۋە بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىك لايىھەسى ماقۇللاندى، ئىسىملىك لايىھەسى بارلىق ۋەكىللەرگە سۇنۇلۇپ، ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇش تەكلىپى بېرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر