باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى

2015-يىل 1-ئاينىڭ 23-كۈنى سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىدا ماقۇللاندى

2015.01.27 13:43         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى مەزگىلىدە، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، مۇناسىۋەتلىك خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلىلەر ۋە ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، تەكلىپلەردىن پائال پايدىلىنىپ ئەقىل - چارە كۆرسەتتى.

  2015 - يىل 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سائەت 10غىچە جەمئىي 865 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ‹‹تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسى››گە ئاساسەن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 771 پارچە تەكلىپ تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، بۇ تەكلىپ ئومۇمىي سانىنىڭ %89.1 ىنى ئىگىلىدى؛ ئەزالار خەت ئارقىلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ پايدىلىنىشىغا سۇنغان تەكلىپ 44 پارچە بولۇپ، %5.1نى ئىگىلىدى؛ قالدۇرۇلغان ياكى قوشۇۋېتىلگەن تەكلىپ 50 پارچە بولۇپ، %5.8ىنى ئىگىلىدى. تۇرغۇزۇلغان تەكلىپلەر ئىچىدە، ئەزالارنىڭ تەكلىپى 643 پارچە، پارتىيە - گۇرۇھ، تەشكىلاتلارنىڭ تەكلىپى 123 پارچە، سىياسىي كېڭەش مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ تەكلىپى بەش پارچە؛ ساھەلەرنىڭ تەكلىپى ۋە بىرلىشىپ ئىمزا قويۇلغان تەكلىپ 59 پارچە.

  بۇ قېتىملىق تەكلىپلەردە مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشى مەۋقە قىلىنىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنىپ، ئەينى ئەھۋال ئىنكاس قىلىنغان؛ ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ - پىكىرلەرنىڭ قاراتمىلىقى، مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئەزالارنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا ياردەمچى كۈچ، بىرىكمە كۈچ قوشۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەشكە بولغان يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئائىت 196 پارچە تەكلىپ ئىچىدىكى ئاساسلىق تەكلىپ - پىكىرلەر: شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، يېزا، مەھەللىلەرنى قانۇن بويىچە تۈزەش ئىقتىدارى كۈچەيتىلسە؛ مىللەتلەرنىڭ بېرىش - كېلىش، ئالاقە، قوشۇلۇش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئىلگىرى سۈرۈلسە؛ دىنىي سورۇنلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزىم ئورنىتىلسا؛ ئاياللارنىڭ دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنى بايقۇت قىلىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلسە؛ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار راۋاجلاندۇرۇلۇپ، تۈزەش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلسە، ۋەھاكازالار. ئىسلاھات، تەرەققىياتقا چېتىلىدىغان 318 پارچە تەكلىپتىكى ئاساساسىي تەكلىپ - پىكىرلەر: 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان ئىلمىي تۈزۈلسە؛ يېڭى ‹‹يىپەك يولى›› ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى تېزلىتىلسە؛ شەكىلنى ئۆزگەرتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە تۈرتكە بولۇپ، سانائەتتە ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلسە؛ ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىقتىسادى پائال راۋاجلاندۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىلسە؛ باج - ھەق تۈزۈمى ئىسلاھاتى تېز ئىلگىرى سۈرۈلسە؛ يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش ۋە باشقۇرۇش كۈچەيتىلسە؛ ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئۇل ئەسلىھەسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر – تور سۇپىسى بەرپا قىلىنسا؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش كۈچەيتىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىنسا قاتارلىقلار. خەلق تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا چېتىلىدىغان 257 پارچە تەكلىپتىكى ئاساسىي تەكلىپ - پىكىرلەر: ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ھەمتۈرتكىلىك مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلسە؛ 12 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى تېز ئومۇملاشتۇرۇلسا؛ ئۇنىۋېرسال دوختۇر تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پۇقرالارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنسا؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى تەرەققىياتى تېزلىتىلسە؛ ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ۋە كۈتۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلسا؛ ياشانغانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش سالمىقى ئاشۇرۇلسا؛ ‹‹ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش›› قۇرۇلۇشى يەنىمۇ كۈچەيتىلسە، ۋەھاكازالار.

  يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپ تاپشۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، بۇ قېتىمقى يىغىن مەزگىلىدە تۇرغۇزۇلغان تەكلىپلەرنى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تەكلىپ سۇنۇش ۋاقتى ئۆتكەندىن كېيىن تاپشۇرۇۋېلىنغان تەكلىپلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ تەكلىپ تۇرغۇزىدۇ ھەم بېجىرىشكە تاپشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر