باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹ئازغان ياشلار››نى ساغلام تۇرمۇشقا يېتەكلەش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى

2015.01.27 13:37         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نىجات ئىمىن

  ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى چوڭ بىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلاندى. ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەپ، ئىتتىپاق، تىنچ، ساغلام بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى.

  سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ گۇرۇپپىلار مۇزاكىرىسىدە، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىن كەلگەن ئەزا ئامىنە ۋارخان مۇنداق دېدى: ياشلار، ئۆسمۈرلەردە توغرا دۇنيا قاراش، ئىجتىمائىي كۆزىتىش ئىقتىدارى، ئۆزىنى چەكلەش ئىقتىدارى، ھەق - ناھەق، ياخشى - ياماننى ئايرىش، تاشقى مۇھىتنىڭ يامان تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز. تۈرلۈك ناچار كەيپىيات ۋە ناتوغرا ئىدىيەلەرنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدۇ. بولۇپمۇ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدىن ئاسانلا ئېزىپ قالىدۇ. بۇلارنى ۋاقتىدا يېتەكلىمىگەندە ئاسانلا جىنايەت يولىغا كىرىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››لەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئائىلە ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاتا - ئانىسى ئاجرىشىپ كېتىش، ئائىلىسى ئىناق بولماسلىق، پەرزەنت تەربىيەسىگە سەل قاراشتەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۆلەنچۈكسىز، تەربىيەسىز قالغان ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى ساغلام ئائىلە مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن بالىلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، قانۇن ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ %70 تىن كۆپرەكىنىڭ ئاتا - ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ بالىلار جىنايى جاۋابكارلىقىنى ۋە ھەق تەلەپ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش شەرتىگە توشمىغانلىقتىن، ۋەسىيسىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇپ تەربىيەلىشىگە تاپشۇرۇلىدىكەن. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى مائارىپ تەربىيەسىنىڭ كەمچىل بولۇشى بولۇپ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئەخلاق، قانۇن - تۈزۈم تەربىيەسى يېتەرلىك بولمىغان، مەكتەپ تەربىيەسى بىلەن جەمئىيەت تەربىيەسى جىپسىلاشمىغان، ئوقۇغۇچىلاردا كۆرۈلگەن بىخ ھالەتتىكى ئىللەتلەر ۋاقتىدا تۈزىتىلمىگەن.

  ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، بەزى ياشلار جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن خىزمىتى يوق لاغايلاپ يۈرۈپ، مەقسەتسىزلا تور ئارقىلىق بىساغلام مەزمۇنلار بىلەن ئۇچرىشىپ، جەمئىيەتكە بولغان نارازىلىق كەيپىياتى پەيدا بولغان.

  ئەزا ئامىنە ۋارخان مۇنداق دېدى: ‹‹ئازغۇن ياشلار››نى ساغلام تۇرمۇشقا يېتەكلەش ئۈچۈن، بىرىنچىدىن، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان ئىدىيە - ئەخلاق، قانۇن - تۈزۈم تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەخلاق بىلەن قانۇننىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەش ۋە جازالاش بىلەن بىللە، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان ئىدىيە - ئەخلاق، قانۇن - تۈزۈم تەربىيەسىنى ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت بىر گەۋدىلەشكەن ئومۇمىي رامكا ئىچىدە ئىشلەش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئاتا - ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن، ئائىلىدە ئېغىر قىيىنچىلىقى بار ۋە ئاتا - ئانىسى يوق پەرزەنتلەرنى قوغداش ۋە تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارغا جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى بەختىيار تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسى ۋە جۈرئىتىنى تىكلەشكە ياردەم بېرىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، مەكتەپلەردە پىسخىكا ساغلاملىق تەربىيەسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا ئېسىل ئەخلاق قارىشى، مۇكەممەل ئىنسانىي غۇرۇر ئېڭى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت بۇرچى تۇيغۇسىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قايمۇقتۇرىدىغان مەزمۇندىكى نەشر بۇيۇملىرىنى قەتئىي چەكلەپ، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ۋە ناچار مەدەنىيەتنىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان تەسىرىنى توسۇش كېرەك. ياش پىدائىيلار، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، ‹‹مېھرىبان ئانىلار››، ‹‹ساخاۋەتچى ئاتىلار››، قانۇن مۇلازىمەتچىلىرى، مائارىپ خىزمەتچىلىرى قاتارلىق ئامما ئارىسىدىكى ئاكتىپ زاتلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ‹‹بىرگە بىر ياردەم بېرىش››، ‹‹بىرگە كۆپ ياردەم بېرىش›› شەكلىدە، ‹‹ئازغان ياشلار››نى جەمئىيەتنىڭ ئىللىق قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش زۆرۈر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر