باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ۋەكىللەر ئەل غېمىدە

2015.01.27 13:34         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خالىدە ئوبۇل

  ياش ئاتا - ئانىلارنىڭ قىيىنچىلىقى ھەل قىلىنىشى كېرەك

  ۋەكىل ئوسمان تاڭخەي مۇنداق دېدى: ھازىر ئىدارە - ئورگانلاردا ئىشلەۋاتقان ياش ئاتا - ئانىلارنىڭ يەسلى يېشىغا يەتكەن بالىلىرىنى توشۇشتا بېشى قاتماقتا. ئۇلار بالىلىرىنى يەسلىدىن ۋاقتىدا ئېلىش ئۈچۈن رۇخسەت سوراشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ. سانجى ئوبلاستىنى ئېلىپ ئېيتىدىغان بولساق، يەسلى يېشىدىكى بالىلار ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قىشتا ئۈرۈمچى ۋاقتى 30:4 دا، يازدا 00:5 تە قويۇپ بېرىدىكەن، بۇ ۋاقىت ئاتا - ئانىلارنىڭ خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقتىغا توغرا كەلگەچكە، ئىدارىدىن رۇخسەت سوراپ، بالىلىرىنى يەسلىدىن ئېلىپ چىققان تەقدىردىمۇ، ئايلىق خىراجەت تۆلەپ، ئۇلارنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا قويۇپ، شۇ يەردە قورسىقىنى تويغۇزۇپ، تاپشۇرۇقىنى ئىشلەتكۈزىدىكەن، بۇ ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ سالاھىيەتنامىسى بولمىغاچقا، ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىنمۇ ئەنسىرەيدىكەن.

  بۇ خىل قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يەسلى يېشىدىكى بالىلارنىڭ ۋە باشلانغۇچ مەكتەپكە يېڭى قەدەم قويغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىغا ئېتىبار بېرىپ، ئۇلارنىڭ يېرىم سائەت بۇرۇن ئىشتىن چۈشۈشىگە ئىجازەت بېرىشى، سەھىيە ۋە سودا - سانائەت ئورۇنلىرى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا بولغان باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇپ، ئىدارە - ئورگانلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان ياش ئاتا - ئانىلارنىڭ خاتىرجەم خىزمەت قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.

  يېزا دوختۇرلىرىنىڭ يۈرەك ساداسى

  ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن ۋەكىل ئەخمەت سېيىتنىياز مۇنداق دېدى: يېزا دوختۇرلىرىنىڭ خىزمىتى بىر قەدەر جاپالىق، ياشانغان يېزا دوختۇرلىرىنىڭ دوختۇرلۇق گۇۋاھنامسىى بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ مۇقىم مائاشى يوق، ھازىر دوختۇرلۇق گۇۋاھنامىسىنى ئالغان يېزا دوختۇرلىرىنىڭ ئايلىق مائاشى 1200 يۈەن ئەتراپىدا، دوختۇرلۇق گۇۋاھنامىسىنى ئالمىغان دوختۇرلار ئايدا پەقەت 800 يۈەن تولۇقلىما پۇلى ئالىدۇ.

  ھازىر كۈتۈنۈش مەسىلىسى يېزا دوختۇرلىرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. ھازىر يېزا - بازارلاردا 80 ياشتىن ئاشقان يېزا دوختۇرلىرىمۇ بار، ئۇلار سەھىيە ئىشلىرىغا 40 - 50 يىل تۆھپە قوشقانلار. ياشلىق باھارىنى پۈتۈنلەي يېزا - بازارلارنىڭ داۋالاش ئىشلىرىغا بېغىشلىغانلاردۇر، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى چوقۇم ھەل قىلىپ بېرىشى كېرەك.

  ئەمىن ئۆيدىن كۆڭۈللەر ئەمىن تاپقۇسى

  ۋەكىل قەيسەر قادىر مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 2011 - يىلىدىن باشلاپ، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2011 - يىلىدىن 2014 - يىلىغىچە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە 24 مىڭ 300 يۈرۈش ئەمىن ئۆي سېلىپ بەردى، بۇ دېھقانلارنى خۇش قىلدى، لېكىن ئەمىن ئۆيلەرگە ئورۇنلىشىش جەريانىدا، يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا كېتىدىغان مەبلەغ يېتەرسىز بولغاچقا، دېھقانلار يېڭى ئۆيلەرگە ۋاقتىدا كۆچۈپ كىرەلمىدى. يەنە بىرى، 80 كىۋادرات مېتىرلىق ئەمىن ئۆينىڭ تەننەرخى 60 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، ھۆكۈمەت ھەر بىر ئائىلىگە 28 مىڭ 500 يۈەن تولۇقلىما بەرسە، قالغان 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قىسمىنى دېھقانلار ئۆزى چىقىرىدۇ، بۇ خىراجەتنى كىرىمى تۆۋەن، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر تۆلىيەلمىدى. شۇڭا، ئاپتونوم رايون ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا بېرىلىدىغان تولۇقلىمىنى ئۆستۈرۈپ بەرسە، ئەمىن ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغانلارنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر