- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
«ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى كىنو - تېلېۋىزىيە ئىجادىيەت ئىشلىرىنى قوللاش مېخانىزمى تۇرغۇزۇلسا»
2015.01.26 13:20 مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
21- يانۋار ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3- يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كىنو - تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ باش نازارەتچىسى ياڭ جيې «ھۆكۈمەت تېلېۋىزىيە، يانفون ۋە تورلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ ئۆز يېرىمىزدە ئىشلەنگەن، يەنى، <بۇ ئائىلىگە قاراڭ> دېگەندەك كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى ئىشلەشنى كۆپرەك قوللىشى كېرەك» دەپ تەكلىپ بەردى.
ياڭ جيې مۇنداق دېدى: «ئەگەر سىياسەت، مەبلەغ جەھەتتىكى قوللاش بولمىسا كۆرۈرمەنلەر قىزىقىپ كۆرىدىغان بۇنداق فىلىملەر ۋاقىتلىق ئېچىلغان گۈلدەك بىردەمدىلا توزۇپ كېتىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز دىيارىمىزدا ئىشلەنگەن بۇنداق فىلىملەرنى سىياسەت، مەبلەغ جەھەتتە كۆپرەك قوللىشىنى، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى كىنو - فىلىملەرنى قوللايدىغان بىر يۈرۈش مېخانىزمنى بەرپا قىلىپ، ئۆز دىيارىمىزنىڭ كىنو - تېلېۋىزىيە ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر