باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆربىلجىن ناھىيەسى مايتاس يول بۆلىكى تاقالدى

2015.01.22 12:58         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆربىلجىن ناھىيەسى مايتاس شامال رايونىدا 21-يانۋار توققۇز بال بوران چىقىپ ، ئۆلكە يولى 201-لىنىيەسىنىڭ مايتاس يول بۆلىكى تاقالدى .

  چۆچەك شەھەرلىك تاشيول ئىدارىسىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەلىك تارماق ئىدارىسى مايتاس شىۋىرغاندىن مۇداپىئەلىنىپ خەتەرىدىن قۇتقۇزۇش بازىسىنىڭ مۇئاۋىن سمېنا باشلىقى تاڭ يۈەنبىننىڭ ئېيىتىشىچە، 21-يانۋار سەھەردە مايتاس شامال رايونىدا سۇس قار يېغىپ بوران چىققان. ئۆلكە يولى 201-لىنىيەسىنىڭ 59 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدە پەيتلىك شامال كۈچى توققۇز بالدىن ئېشىپ، بىر قىسىم يول بۆلەكلىرىدە قار يىغىلىپ قالغان.

  چۆچەك شەھەرلىك تاشيول ئىدارىسىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەلىك تارماق ئىدارىسى كەڭ شوپۇر دوستلارنى يول تاقالغان مەزگىلدە، ئەگەر شامال رايونىدا قار توسالغۇسى ياكى ‹‹قار قارىغۇسى›› ھادىسىگە ئۇچرىغاندا، دەرھال ئاپتوموبىلنى يول ياقىسىغا توختىتىپ، قار تازلاش ئاپتوموبىلىرىنىڭ قارلارنى تازلاپ يولنى راۋانلاشتۇرۇشى ياكى قۇتقۇزغۇچى خادىملارنىڭ ياردىمىنى ساقلاشنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر