باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تەكلىپ: شىنجاڭلىقلار شىنجاڭدىكى مەنزىرە رايونلىرىنى ساياھەت قىلسا بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز بېلەت يولغا قويۇلسا

2015.01.22 12:58         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى لى شۇەي ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەن دوستىغا ھەمراھ بولۇپ ئالتاي، قاناس قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىدا نەچچە كۈن ساياھەت قىلغان، بۇ جەرياندا ئۇ ئىككى ئايلىق مائاشىنى خەجلەپ بولغان. ‹‹يەرلىكلەر مەنزىرە رايونىغا ھەقسىز كىرگەن بولسا بەك ياخشى بولاتتى›› دېدى لى شۇەي شىنجاڭلىقلارنىڭ قەلبىدىكىنى ئېيتىپ. ئۇ: ‹‹سىرتتىن كەلگەن دوستلارنى ھامىنى كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ، بۇ مەنزىرە رايونلىرىغا مەن نەچچە قېتىم بېرىپ بولغان، ئەگەر يەرلىكلەرگە ھەقسىز بولۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولسا شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىسى بولار ئىدى، كۆپچىلىكمۇ پىدائىي تەشۋىقاتچى بولغان بولاتتى›› دېدى.

ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 3-يىغىنىدا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ‹‹يەرلىكلەر مەنزىرە رايونىغا ھەقسىز كىرىش›› تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى يىغىنغا تاپشۇرغان ‹‹ ‹شىنجاڭدىكى مەنزىرە رايونلىرىنى يەرلىكلەرگە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز ئېچىۋېتىش› توغرىسىدىكى تەكلىپ›› تە شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بايرام-دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن باشقا ۋاقىتلاردا يەرلىكلەرگە كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى تەۋسىيە قىلىپ، يەرلىكلەر كىملىكى ئارقىلىق مەنزىرە رايونىغا كىرىش، مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەت يېتەكچىلىرى مۇلازىمىتى، ئاپتوموبىل توختىتىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ھەققىنى ئەسلىدىكى ئۆلچەم بويىچە ئېلىش، قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام-دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن سىرت كۈنلەردە كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەكلىپتە مۇنداق قارالدى، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ پايدا يولىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، پايدا سۇبيېكتى كىرىش بېلىتىدىن ساياھەتتىكى يېمەك-ئىچمەك، ياتاق، كۆڭۈل ئېچىش، نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش، قاتناش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال پايدىغا يۆتكىلىدۇ. مەنزىرە رايونى تەرەققىياتىدا يەككە خاراكتېردىكى كىرىش بېلىتى كىرىمىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ، كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ ۋە كۆپ مەنبەلىك پايدىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى مۇنداق بىلدۈردى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ياكى مەنىۋى مەدەنىيەت قىممىتى جەھەتتىن بولسۇن، مەنزىرە رايونىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش كېڭەيتىشكە ئەرزىيدىغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن جامائەت بايلىقىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا مەنزىرە رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمىمۇ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر