باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدىكى 70 نەچچە ياشلىق بوۋاي 22 كۈندە «شى جىنپىڭنىڭ رەسىمى»نى قىيىپ چىقتى

2015.01.21 08:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: «خۇڭشىيۆ» ئاھالىلەر رايونىدىكى 70 نەچچە ياشلىق بوۋاي شۈ نەيجېڭ 18-يانۋار ھېلىلا قىيىپ بولغان رەڭلىك قەغەز قىيما ئەسەر «شى جىنپىڭنىڭ رەسىمى»نى كۆرسەتمەكتە. (ليۇ جىلۇڭ فوتوسى)

  18-يانۋار، ئۈرۈمچى «خۇڭشىيۆ» ئاھالىلەر رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق 70 نەچچە بوۋاي شۈ نەيجېڭ 22 كۈن سەرپ قىلىپ قەغەز قىيما ئەسەر «شى جىنپىڭنىڭ رەسىمى»نى قىيىپ چىقتى ۋە بۇ ئەسەرنى يېڭى يىللىق سوۋغا سۈپىتىدە باش شۇجى شى جىنپىڭغا ھەدىيە قىلماقچى بولدى.

  مۇخبىر 18-يانۋار چۈشتە شۈ نەيجېڭنىڭ ئۆيىگە كەلگىنىدە، بوۋاي پىچاق بىلەن «شى جىنپىڭنىڭ رەسىمى»غا ئەڭ ئاخىرقى تۈزىتىش كىرگۈزىۋاتاتتى.

  بۇ قەغەز قىيمىنىڭ كەڭلىكى 50 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 68 سانتىمېتىر كېلەتتى. باشقا قەغەز قىيمىلىرىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى بۇ قەغەز قىيما سەككىز قەۋەت، توققۇز خىل رەڭلىك شۈەنزى قەغىزىدىن قىيىپ چىقىلغان. يىراقتىن قارىسا خۇددى فوتو سۈرەتكىلا ئوخشايتتى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر