ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 11-نۆۋەتلىك 3-يىغىنى 2015-يىلى 19-يانۋار ئۈرۈمچىدە ئېچىلىدۇ. 17-يانۋار، قەشقەر، قىزىلسۇدىن كەلگەن 18 نەپەر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى دىۋوپۇ ئايرودرومىدىن چىقتى. بۇ قېتىم قەشقەردىن كەلگەن 17 نەپەر سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەزمۇنلارغا دائىر 45 پىكىر ئىلىپ كەلگەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 17-يانۋاردىن باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق «ئىككى يىغىن»غا قاتناشقان خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن. كەلگۈسى بىر قانچە كۈندە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، قانۇن بويىچە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەرەپلەردىن تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى